ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مارالبېشى دېھقانلىرىنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئۆتكەن ھەپتە مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق دېھقان، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىگە بېرىپ كوللىكتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار نارازىلىقىنى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ قورۇسىغا توپلىشىپ جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ نارازىلىق دائىرىلەرنىڭ ۋە شەھەر خەلقىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.28
Dixan-awazi-yengisar-305 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن بىز مارالبېشى ناھىيىسى ۋە سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر دېھقانلارنىڭ تەلىپىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى دېھقانلار،  يىللاردىن بېرى دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ كەلگەن. بۇ يىل تۇنجى قېتىم  ھەرقانداق بىر ئاۋارىچىلىققا كۆكرەك كېرىپ، ۋالى مەھكىمىسىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن. دائىرىلەر دېھقانلارغا يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ  ناھىيىگە قايتۇرۇپ ئەپكەتكەن ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالغان. نۆۋەتتە بۇ دېھقانلار دائىرىلەرنىڭ ئۆز تەلەپلىرىگە بېرىدىغان جاۋابىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

بىز مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سېرىقبۇيا بازارلىق ئەرزىيەت ئىشخانىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئىگىلىشىمىزچە، سېرىقبۇيا بازارلىق  پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا، ئۇلار ئەگەر بۇ دېھقانلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىسا، ئۇ چاغدا باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭمۇ ھەق تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈدىغانلىقىدىن، بۇنىڭ بىلەن مەسىلىنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ئىگىلەشلىرىمىزدىن قارىغاندا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەمما، ئۇلار مەسىلىنى يېپىۋېتىش ياكى دېھقانلارغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى نارازى بولۇۋاتقان دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى قىسمەن بولسىمۇ ئورۇنداپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشنىڭ يولىنى تۇتماقتا. ئۇلار مۇشۇ قېتىملىق نارازىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك دېھقانلارنىڭ تەلەپ - پىكىرلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىر تۈركۈم دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى  بۇ قېتىم  دائىرىلەرنىڭ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا  ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا، يەنە بىر تۈركۈملىرى بولسا، يەنىلا گۇمان ۋە ئەندىشە ئىچىدە بولۇپ، ئەگەر بۇ قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشمىسە، نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەندىمۇ، تېخىمۇ كەسكىن ۋە تېخىمۇ جىددىي شەكىللەردە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.