مارالبېشىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىگە خاس بىر تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى

مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىق بۇيا بازىرىدىكى بىر دېھقان ياش، ئۆيىدە كومپيۇتېر ساقلىغانلىقى ۋە چەتئەلدىكى بىر دوستى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.06.29
Xitay-Internet-cheklesh-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

يېقىندا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى مەھمۇت ئابلىمىت ئىسىملىك بىر تىجارەتچىنىڭ، بۇلتۇر 11-ئايدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن دادىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ دادا-بالا تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مەھەللە جامائىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئىدى. بىرقانچە ھەپتىلىك ئەھۋال ئىگىلىشىمىز نەتىجىسىدە، مەھمۇت ئابلىمىتنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىلەشتى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايەتلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ساقچى خادىمىنىڭ دېلو ھەققىدىكى بايانلىرى، جۈملىدىن مەھمۇت ئابلىمىتنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ۋە پاكىتلار ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى ئالاھىدە دىققەتتە سازاۋەردۇر.

مەھمۇت ئابلىمىت ئەسلىدە مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى، 16-كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇشسىز قالغان. ئۇ يالغۇز دېھقانچىلىققا تايىنىپ راھەت تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كىرىپ ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ يولدىمۇ ئانچە كۆپ ئىلگىرى باسالمىغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىپ ئىشلەش ياكى تىجارەت قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ باققان. ئۇ تىرىكچىلىك يولى ئۈچۈن ئۇچۇر ئىگىلەش، مەلۇمات توپلاش مەقسىتىدە كومپيۇتېر سېتىۋالغان ۋە ئىنتېرنېتنى قوللىنىشنى ئۆگەنگەن. ئەمما مەھمۇت ئابلىمىتنىڭ تىرىكچىلىك ئۈچۈن بۇ ئىزدىنىشلىرى مارالبېشىدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ نەزىرىدە جىنايەتنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ كۆرۈلگەن.

مەھمۇت ئابلىمىتنى يېقىندىن بىلىدىغان بېيجىڭدىكى دوستلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھمۇت ئابلىمىت تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر دوستى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ چەت ‘ئەلدە ئىشلەش ياكى تىجارەت قىلىش يوللىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. مەخمۇت ئابلىمىتنىڭ دوستى ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىن باشقا، سۆز ئارىسىدا يەنە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە كۆرگەنلىكىنى ھاياجانلانغان ھالدا دەپ بەرگەن. مەھمۇت ئابلىمىتنىڭ دوستلىرىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، مەھمۇت ئابلىمىتنى چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارغا باغلىنىپ ئەيىبلىنىشىنىڭ بىردىن -بىر پاكىتى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ تەخمىننىڭ توغرىلىقىنى ساقچى خادىمىنىڭ سۆزلىرى دەلىللىمەكتە.

مەھمۇت ئابلىمىتنىڭ دوستلىرى، ئۇنىڭ ئادەتتە ناھەقچىلىككە چىدىمايدىغان مەردانە مىجەزى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىش نىيىتى ياكى ياكى قىزىقىشى بارلىقىنى ھېچ بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.