'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ قوماندانى تەسلىم بولدى ۋە خىتايدا ھەربىي تەلىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلدى

ھىنىدىستاننىڭ ئاسام شىتاتىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن 30 يىلدىن بۇيان مەخپى قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان 'ئاسام ئازادلىق فۇرونتى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ قوماندانى 4‏ - ئۆكتەبىر كۈنى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى خىتايدا ھەربىي تەلىم كۆرۈپ، خىتايدىن قورال بىلەن تەمىنلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى دۇنياغا ئاشكارا بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.12.08
Bombay-terror-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ، ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ، 11 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11 ﺩﯨﻦ 23 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ھىنىدستان دائىرىلىرى ھازىر، مۇمبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوتلاشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، ھىنىدىستاندا چىقىدىغان 'يېڭى دېھلى خەۋەرلىرى' بۈگۈن، 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ قوماندانى ۋە ياردەمچىسى قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىغا چېگرىداش باشقا شىتاتلار ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە 'ئاسىيا ۋاقتى' گېزىتى بۇ سەزگۈر ۋەقەنى دەرھال كۆچۈرۈپ باستى ۋە تەپسىلاتىنى تېخىمۇ ئېنىق خەۋەر قىلىشقا تېرىشتى. بۇ خەۋەرنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ئالدى بىلەن خىتايدىكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە تارقالدى.

'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ رەئىسى ۋە قوماندانى ئارابىدا راجكوۋا تەسلىم بولدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىنىدستان چېگرا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى راۋى گەندى بۈگۈن، ھىنىدستاننىڭ ئاسام شىتاتىدىكى 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' دېگەن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە قوماندانى ئارابىدا راجكوۋا، ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئائىلە تەۋەلىرى بولۇپ 7 ئادەم 12‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى تەسلىم بولدى، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' دېگەن تەشكىلات 1979‏ - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاسام شىتاتىنى ھىندىستاندىن بۆلۈپ چىقىش ئۈچۈن قوراللىق ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. 1990‏ - يىللاردا، ھىنىدستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ 8 ئىسكادىرونى ۋە 4 دېۋىزىيىسى 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' غا قارىتا قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تەشكىلات ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا ۋە ئاسام شىتاتىغا چېگرىداش بولغان ئارۇناچالنىڭ ناگالاندا، مانىرۇر، مىزورام، مېگالايا رايونلىرىدا شۇنداقلا ئەتراپتىكى بېنگال، سېككىم، بوتان، نېپال، بېرما ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ مەخپىي قوراللىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ قوماندانى ئارابىدا راجكوۋانى بېنگال ساقچىلىرى تۇتۇۋېلىپ ھىنىدستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن

'يېڭى دېھلى خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىشىچە، 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ قوماندانى ئارابىدا راجكوۋانى بېنگال ساقچىلىرى تۇتۇۋېلىپ ھىنىدستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ، ئاسامدىكى تېلېۋىزىيە ئىسىتانسىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ ئەزالىرى نەدە ھەربىي تەلىم ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئاسام شىتاتىنىڭ باشلىقى تارۇن گوگوي 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' تەسلىم بولۇپ، بۇ شىتاتتا تىنچلىق ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئالقىشلىغان.

'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ ئەزالىرى 30 يىلدىن بۇيان خىتايدىن ھەربىي تەلىم ئېلىپ ۋە قورال بىلەن تەمىنلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەق دەلىل -پاكىتلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولدى

بۈگۈن ھىنىدىستان گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، 'ئاسام بىرلەشمە ئازادلىق فرونتى' نىڭ قوماندانى تەسلىم بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى 30 يىلدىن بۇيان مەخپىي قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ، بۇ جەرياندا 10 نەچچە مىڭ بىگۇنا خەلقنى ھاياتىدىن ئايرىغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى خىتايدىن ھەربىي تەلىم ئېلىپ ۋە قورال بىلەن تەمىنلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەق دەلىل - پاكىتلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولغانلىقى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئاسام شىتاتىنى ۋە بۇ شىتاتقا چېگرىداش باشقا شىتاتلارنى ۋە ئەتراپتىكى چېگرىداش دۆلەتلەرنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 08, 2009 02:53 PM

ﺑﻮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻫﯩﻨﺪﺳﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﺘﻠﯩﺮﻧﻰ ﮔﯘﺭﯗﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺮﯗﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﺮﯗﺭﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﻟﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﯩﭙﻰ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯗﺭﭼﯩﺪﯗﺭ. ﺗﯩﺮﯗﺭﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﻟﻼﭖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯩﺮﯗﺭﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﯬﺯﺍ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﺘﻰ ﻳﯘﻕ.