بۇ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئەنقەرەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەتىمەسقۇت رايونىدىكى چوڭ بىر مەيداندا ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەيداننىڭ ئەتراپىدا تۈركىيىنىڭ 35 ۋىلايىتىدىن كەلگەن جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەر ئاچقان بۆلۈملەر بار بولۇپ، بۇ بۆلۈملەردە شۇ رايوننىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار ھەم يېمەك-ئىچمەكلەر سېتىلماقتا.

بۇلاردىن باشقا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىراق تۈركمەنلىرى، تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۆلۈم ئېچىپ ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىنى بۈگۈنگىچە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامما ئېكسكۇرسىيە قىلىپ خاتىرە رەسىمى چۈشكەندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىنى ئەزەربەيجان باش ئەلچىسى فائىك باگىروف، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمابايېۋ، دېموكرات لار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نامىق كېمال زەيبەك، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور رېشات دوغرۇ، سابىق دۆلەت مىنىستىرى كوراي ئايدىن ۋە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەنىۋەر دەمىرەل قاتارلىق كىشىلەر زىيارەت قىلدى.
بىز بۇ جەرياندا 8 يىلدىن بېرى بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنىۋەر دەمىرەل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان بۆلۈمىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندى ھەم بۆلۈمنى ئايلىنىۋاتقان كىشىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.