خەلقئارالىق مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنى بېرلىندا باشلاندى

5-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا خەلقئارالىق مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنى باشلاندى. يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنى 11-مايدىن 15-مايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىنغا 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرى، باش مىنىستىرلىرى، تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى، مەدەنىيەت، ئەدلىيە مىنىستىرلىرى، باش ئەلچىلىرى، سىياسىيونلار، دىپلوماتلار، مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل ئەپەندى، ئالبانىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رەجەپ ئەپەندى، گېرمانىيە تاشقى ئالاقە كومىتېتى مۇدىرى ۋېرمېر ئەپەندى، ۋىنگىرىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ئاندىرىياس ئەپەندى قاتارلىقلار دوكلات بەرگەن.

dolqun-eysa-sloweniyining-sabiq-bash-ministeri-janez-jansa-385.jpg
سلوۋېنىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جانەز جانسا ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بېرلىندا ئېچىلغان خەلقئارالىق مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنىدا. 2011-يىلى 11-ماي. (RFA/Ekrem)

يىغىندا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە يولىدا قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تاللىغان كۈچلەرنىڭ مىللىي ھەم خەلقئارا سىياسەتلەردىكى ئورنى، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار، بۇ ئىنقىلابلاردا ئاخبارات، مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوينىغان رولى، ئاخبارات ھەم مەتبۇئاتلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىنقىلابلاردا ئوينايدىغان رولى قاتارلىق تېمىلار ئاساسى مۇزاكىرە نۇقتىسى قىلىنغان.

ئوتتۇرا شەرق ھەم شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىنقىلابلارنىڭ دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا تېخنولوگىيە ۋە خەلق كۈچىنىڭ ئوينىغان رولى دېگەن تېما ئۈستىدە دوكلات بېرىلگەن كېيىن، بەس-مۇنازىرە، سوئال-جاۋاب پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

dolqun-eysa-turkiyining-sabiq-tashqi-ishlar-ministeri-yashar-385.jpg
تۈركىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشار ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بېرلىندا ئېچىلغان خەلقئارالىق مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنىدا. 2011-يىلى 11-ماي. (RFA/Ekrem)

نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىندا «نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلابقا كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا سوئاللار سورىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆز سوئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

يىغىن بېرلىندىكى مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ئىنستىتۇتىدا باشلانغان. يىغىن مەزمۇنىغا بىنائەن، ئالدىمىزدىكى بىرقانچە كۈندە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋاملىشىدىكەن. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سلوۋېنىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جانسا ئەپەندى ۋە تۈركىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشار ئەپەندىلەر سۆزلىگەن. يىغىنغا بىرقانچە يۈز كىشى قاتناشقان.