'مەھبۇس' ناملىق رومان ھەققىدە ئاپتور بىلەن سۆھبەت (3)

يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىندا، تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئالىمجان باۋۇدۇن ئەپەندى يازغان `مەھبۇس` ناملىق رومان قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە نەشر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.09.09
Ghulja-namayishi-toghrisida-kitap-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 1997 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

كىتاب 2 قىسىم، 394 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابدا غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئاڭلىتىلغان. روماننىڭ ئاپتورى  ئالىمجان باۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە `مەھبۇس` ناملىق بۇ رومان غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى سىياسىي ۋە رىئالىستىك رومان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئاپتور بۇ رومانىنى يېزىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ماتېرىيال توپلىغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار غۇلجا ۋەقەسىگە بىۋاستە قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق توپلانغان.  

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، روماننىڭ باش پېرسۇناژى قەيسەر غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقان، تۈرمىلەردا ياتقان، چىدىغۇسىز قېيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىغان، كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان  ياش بولۇپ، روماندىكى ۋەقەلەر ئۇنىڭ ھاياتىنى چۆرىدىگەن  ھالدا بايان قىلىنغان.

بىز بۇ رومان ھەققىدە روماننىڭ ئاپتورى ژۇرنالىست يازغۇچى ئالىمجان باۋۇدۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.