ئاۋسترالىيىدىكى ئادۋوكات مەھمەت چەلەپچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

مەھەممەت چەلەپچى ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.04.28
mehmet-gulmire-305.jpg مەھەممەت چالاپچى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى. 2011-يىلى فېۋرال.
RFA/Bextiyar

كېلەركى ئايدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرقى تۈركىستان ئالىي كېڭىشى» گە ئاۋسترالىيىدىن بارىدىغان ۋەكىللەر ئىچىدە 80-يىللاردا ئاۋسترالىيىنىڭ سيدنېي شەھىرىگە تۈركىيىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەممەت چالاپچى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە زۇنۇن خانىممۇ بار. مەھەممەت چەلەپچى ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئەركىنلىك سۆيەر بىر زاتتۇر. ئۇ ئامېرىكىغا قىلىدىغان سەپىرى ئالدىدا، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.