بىز ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى جۈمە كۈنى مەسچىتكە كىرگەنلەرنى تىزىملاش ئىشىغا قويغانلىقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەمەس، بەلكى مەكتەپ مۇدىرلىق ھەم ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق.
بۇ ئىشنىڭ ئۆز كەنتىدە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلغان بىر دېھقان، بۇ كىشىنىڭ ئۆز كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شۇ يېزىدىكى جۈمە نامىزىغا كىرگەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى نامازغا كىرىشتىن توسۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، بۇ ئىشنى پۈتۈن يېزىدىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
بىز بۇ مەكتەپ مۇدىرى ئىشلىگەن مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى ئالغان مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى،دەسلەپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن رۇخسەت سورىغانلىقىنى، ھازىر ئىشخانىدا يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇنى خىزمەتتىن توختاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ كىشى بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ بىر قەدەر سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى تەڭقىسلىقتا قويماسلىقىمىزنى، ئەڭ ياخشىسى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ئاشۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆزلەشسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفونىمىزنى ئالغان سابىق مەكتەپ مۇدىرى بىزنىڭ تېلېفوننى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىدىن ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن، ئۆزىنىڭ يېشى توشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا سورىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ توغرىلىق ئارتۇق سۆزلىگۈسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلارغا چۈشكەن بېسىمنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقى ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ، زىيالىيلارنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەمىر،پەرمانلىرىنى، ئۆزى خالىمىسىمۇ ئورۇنلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت جازالىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بېرىلمەكتە.
مەلۇم بىر تور بېتىدە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ جۈمەگە كىرگەنلەرنى تىزىملاشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۇچۇن، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان بۇ مەكتەپ مۇدىرىغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالغان زىيالىيلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى، لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن خەلق تەرەپتە تۇرسىلا خەلقنىڭ ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ جاسارىتىگە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئىپادىلەنگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.