خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيالامدۇ؟

«مېڭىسىنى يۇماق» سۆزى كىشىلەرنى ئۆزىگە خاس ئوي-پىكىر ۋە دۇنيا قارىشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى باشقا خىل ئوي-پىكىرگە ئىگە قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

0:00 / 0:00

سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بولۇپمۇ كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جەمئىيەتتە پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن تارتىپ كوممۇنىستىك تۈزۈمنى قارىغۇلارچە قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ھەم بۇ تۈزۈمگە سادىق پۇقرا تەربىيىلەش دېگەنلىكتۇر.
ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى 63 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل تەربىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيالىدىمۇ؟ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپلا «ئەخلاق» دەرسىنى ئالىدىغان بولۇپ بۇ دەرستە نۇقتىلىق ھالدا كوممۇنىستىك پارتىيە سۆيگۈسى ئۆگىتىلىدىكەن.

بۇ دەرس ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتمەكتە؟ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئوقۇپ تۈركىيىگە كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر قىزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خىتاي قانچە قىلسىمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.