مەنىۋىي قاتىللىقنىڭ رەھىمسىز پاجىئەسى

تۇرمۇش تولىمۇ مۇرەككەپ، خىلمۇ‏ - خىل مىجەز، رەڭمۇ‏ - رەڭ خاراكتېردىكى ئادەملەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ دۇنيادا، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەك تولىمۇ قىيىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.11.28

ھەممىگە مەلۇمكى، قاتىللىق ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ. ئەمما مۇشۇ قاتىللىقتىنمۇ ئېغىر ۋە پاجىئەلىك يەنە بىر گۇناھ - بوھتان چاپلاش يەنى گۇناھسىز كىشىلەرنى مەقسەتلىك ھالدا قارىلاشتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ھۆرمەت - ئابرويى ئۇنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئابرويىنى ۋە ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش خۇددى ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانغا ئوخشاشتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم بۆھتان چاپلاشنىڭ گۇناھى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈش بىلەن تەڭ بولۇپ، بۇ، قارىلانغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان روھىي ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت - نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز روھىي بېسىم ئۇنى ھاياتتىن بىزار بولۇشقا، كىشىلەردىن قېچىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇددى گۇناھكاردەك باشقىلارغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئىتى قالمايدۇ. بۇ ھال بوھتان قىلغۇچىنىڭ راست - يالغان گەپ قىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، قارىلانغۇچىلارغا غايەت زور قايغۇ - ئەلەم ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ توزۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى بوھتان كۆپىنچە كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۈنۈملۈك بىر زېمىندا بىخ ئۇرۇشى بىلەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ھاقارەتلەنگۈچىگە بېرىدىغان زەربىسى ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە قەبىھ بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىلىق قاتتىق ئەيىبلەنگەن. " مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار شۇ بوھتاننى ۋە ئوپ ‏ - ئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ" دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالىدۇر.

بوھتاننىڭ ئاقىۋىتى

ئابدۇراھمان ھاجىم بۆھتان چاپلاشنىڭ، بوھتاننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىر ئادەمنى ئىنتايىن پەسكەشلىك ۋە ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قەستەن بۆھتان بىلەن قارىلاش، ئاللاھ مەنئىي قىلغان ئەڭ ئېغىر گۇناھ بولۇپ، بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىغا، ئىززەت ھۆرمىتىگە ۋە مۇسۇلمانچىلىق ئەخلاقىغا ۋەھشىيلەرچە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر دەرىجىلىك مەنىۋىي تاجاۋۇزچىلىق دېيىشكە بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھتىن قېچىڭلار. ئۇلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، غازاتتىن قېچىش، ئاتا - ئانىنى قاخشىتىش ۋە ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان چاپلاش" دەپ كۆرسەتكەن. بوھتان چاپلىنىپ ئەيىبلەنگۈچىلەر كۆپىنچە ئاياللار بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقى، جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى، روھىي چىدامسىزلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بۇنداق بوھتانلارنىڭ چىقىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا قىلمىغان ئىشنى" قىلدى"، بولمىغان ئىشنى " بولدى" دەپ قارىغۇلارچە تۆھمەت قىلىش ئۇلارنىڭ مىڭبىر مۇشەققەتتە تىكلىگەن ئىززەت - ھۆرمىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ."

ئومۇمەن ئېيتقاندا، بوھتان نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئېغىر گۇناھلارغا ياتىدۇ دېگەن سوئالنى ئويلىغاندا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋابلارنى تاپالايمىز:

 - بوھتان غەيۋەت - شىكايەتتىن باشلىنىدۇ.
 - بوھتان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدۇ.
 - بوھتان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كېلىپ، ئىناق، ئىشەنچلىك ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
 - بوھتان كىشىلىك ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.