مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئارتىشنىڭ ھايات ئىش ‏- ئىزلىرى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئارتىش 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدە 87 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 11 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلدى ۋە ئەييۇپ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2010-11-16
Share
Muhammad-salih-hajim-sozde-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Arslan

مەرھۇمنى دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قاتناشتى.

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم (مەمەت سەلەي ھاجىم ) ئارتىش، 1923 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەت كەنتى قۇمباغ مەھەللىسىدە بىر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 7 ياشقىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان كېيىن شۇ دەۋردىكى دىنى مەكتەپتە 11 ياشقىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن، تۈركىيىدە بىلىم ئالغان مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتا ئاچقان رۇشتىيە مەكتىپىدە ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئۇ، 1939-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن غۇلجىغا كەلگەن ۋە 1944 ‏- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
Muhammad-salih-hajim-jinazisi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻓﺎﺗﯩﻬ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
 
مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئارتىشى 1949 ‏- يىلدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان ۋە يۇرتىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، 1981 ‏- يىلى ئىستانبۇلغا مۇھاجىر بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن. مەرھۇم 1981 ‏- يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاپ كەلگەن ئىدى. مەرھۇمنىڭ ئايالى بىبى سالىخان ئارتىش 2004 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا، 82 ‏- يېشىدا ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ تۈركىيىدە ئىككى ئوغۇل بىر قىزى بار بولۇپ يۇرتى ئاتۇشتا تۆت ئوغۇل بىر قىزى جەمئىي 8 پەرزەنتى بار ئىكەن.

بىز مەرھۇمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئارتىشى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان شەخسلەردىن بىرى، ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياردەم قىلىپ، خىزمەت قىلغان ۋەتەنپەرۋەر زات ئىدى.

مەرھۇم، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر شەخس ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

بىز يەنە، مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنى ئاتۇشتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ يېقىندىن تونۇيدىغان، ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم مويسىپىتلەردىن ئىسمائىل ھاجىم بىلەن مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت