گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىم 79 ياشتا ئالەمدىن ئۆتتى

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا `3 ئەپەندى" دەپ ئاتالغانلاردىن بىرى بولغان 1947 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ، 1948 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان در. مەسۇت سابىرى بايقوزىنىڭ تۈركىيىدىكى چىش دوختۇرى قىزى گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىم 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.

0:00 / 0:00

1929 - يىلى غۇلجا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىم 1949 - يىلى 12 - ئايدا يالچىن ۋە قىۋىلجىم ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشىنى ئېلىپ تۈركىيىگە كەلگەن. مەسۇت سابىرى بايقوزىنىڭ ئىككى ئايالىدىن 9 بالىسى بار بولۇپ، گۈلتېكىن خانىم 5 - پەرزەنتى ئىكەن. 1949 - يىلى كومۇنىست خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، مەسۇت سەبىرى ئەپەندى 3 پەرزەنتىنى تۈركىيىگە ئەۋەتىۋەتكەن. قالغان پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قالغان.

مەسۇت ئەپەندىنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ بىر قىسمى رۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى كومۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. گۇلتېكىن خانىم ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇكىسى يالچىن قانۇن كەسپىنى، گۈلتېكىن خانىم بولسا چىش دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىم ئۇزۇن يىللار چىش دوختۇرى بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن دادىسى مەسۇت سابىرى بايقوزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئۇ "دادام مەسۇت سابىرى بايقوزى" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرى، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارغا قاتنىشىپ دادىسى مەسۇت سابىرى بايقوزىنىڭ مۇجادىلىسى ۋە ھاياتىنى ئاڭلاتقان نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن ئىدى.

گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىمنىڭ ئاتىللا، ئېرول ئىسىملىك 2 ئوغلى بار ۋە بۇلاردىن بولغان 3 نەۋرىسى بار ئىدى. گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ داۋاملىق ھالدا ۋەتەندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى سىلىدى. ئاتا - ئانىلىرى ۋەتەندىن تويىغا كېلەلمىگەن ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىغا ئانا بولۇپ ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويدى. بىز خۇدايىمدىن گۈلتېكىن پەھلىۋان خانىمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تىلەيمىز.

بىز گۈلتېكىن خانىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇغقان - ئۇرۇقلىرى ۋە قوشنىلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. گۈلتېكىن خانىمنىڭ جىنازە نامىزى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كوجاتەپە مەسچىتىدە قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنقەرە قارشىياقا مازىرىغا دەپنە قىلىنماقچى.