ئالماتادا ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئالەمدىن ئۆتتى
12 - ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتادا ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ھەم دراماتورگ، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى، جاامائەت ئەربابى مەسۈمجان زۇلپىقاروف 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
ئۇنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان زىيالىيلار، جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە يۇرت - جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى ئەدىپنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەۋلادلار خاتىرىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.