ئەنقەرەدە `مەھمۇت قەشقىرى رەسىم كۆرگەزمىسى` ئېچىلدى

مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش يىلى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.11.28
Mexmut-qeshqiri-korgezm-305.jpg ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﻘﺎﻣﺎﻟﻞ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ `ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ` ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2008 - يىلى ئارقا ‏ - ئارقىدىن مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. 2008 - يىلى 2 - ئايدا تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن `تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن باشلانغان بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى، ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا سارايلىرىدىن بىرى بولغان ئانقامالل سودا سارىيىدا ئېچىلغان `مەھمۇت قەشقىرى رەسىم كۆرگەزمىسى` بىلەن داۋام قىلماقتا.

كۆرگەزمىگە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى ۋە بۇ ئەسەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئەسەرلىرى، مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر قويۇلغاندىن باشقا، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى، ئوپال قاتارلىق يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرمۇ قويۇلغان.

بۇ كۆرگەزمە بىر يىلدىن بېرى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋاملىق ھالدا كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، كۆرگەزمە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان تۈركىيە ياۋرۇ‏ - ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى در. ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ۋە كۆرگەزمىنى ئايلىنىۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.