مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار (1)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.12.11
2008.12.11
ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن `مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار` تېمىسىدا سۆز قىلدى.
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرىنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت قەشقىرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت قەشقىرى ئۇيغۇرمۇ؟
8 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار
پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىگە 700 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق باشلىدى: " مەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن، مەخمۇت قەشقىرىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى 1070 - يىللاردا يېزىلغان. بۇ ئەسەر يېزىلىشتىن بۇرۇن 770 - يىللاردا، ئوردۇ بالىقتىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەختىدە بۇگىخاقان ئولتۇراتتى. 750 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان، ئەنلۇشەن قوزغىلىڭى بىلەن قالايمىقان بولۇپ ۋەيران بولغان خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. خىتاي دۆلىتىدىكى قوزغىلاڭلارنى ئۇيغۇرلار باستۇرۇپ بەرگەچكە، ئۇيغۇرلارغا رەخمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى مىڭ توپ يىپەكنى ئۇيغۇر خاقانلىقىغا يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىققا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.""تاڭنامە" دە بۇ ھەقتە شۇنداق دەپ يېزىلغان: "تاڭ خاندانلىقى غەزىنىسى قۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرىغا مائاش بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، تاڭ خاندانلىقى ھەر يىل ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتەتتى. ئۇيغۇرلار خىتايغا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا ھەر يىلى باھار پەسلىدە خىتاينىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بارىدىكەن. ئۇيغۇرلار تىجارەتكە ماھىر بولغاچقا داۋاملىق خىتايدىن مال ئېلىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار خىتايلارغا بىر ئات بېرىپ 40 توپ يىپەك ئالىدىكەن. يەنە خىتاي مەنبەلىرىدە، 773 - يىلىدا خىتايلار ئۇيغۇر دۆلىتىگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن مىڭ ئات ھارۋىسى يىپەكنى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئاپىرىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان."









