خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئابدۇشۈكۈر قۇربان ھەققىدە ئاممىۋىي ھەرىكەت باشلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5 ‏- دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مېيىپ تۇتقۇن ئابدۇشۈكۈر قۇربان ھەققىدە ئاممىۋىي ھەرىكەت باشلىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇشۈكۈرنىڭ قىيىن ‏ - قىستاققا ئېلىنماسلىقىنى، ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش، ئادۋوكات تۇتۇش ۋە خەلقارا ئۆلچەملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئابدۇشۈكۈر 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا يەنى 21 ‏- نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان، نۆۋەتتە يېڭى ھايات تۈرمىسىدە قاماقلىقتۇر. مېيىپ ياش ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋەقەنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزدى: مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ خادىمى ئەيمىي رىگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئەھۋالى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتلەرگە يەتكۈزۈلدى.

5 ‏ - دېكابىر كۈنى ھەرىكەت باشلىغان كەچۈرۈم تەشكىلاتى، باياناتىدا، ئابدۇشۈكۈر قۇرباننىڭ مېيىپ ياش ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ قېيىن - قىستاققا ئېلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە، ئابدۇشۈكۈرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 5 ‏- كۈنىگە قەدەر قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئائىلىسىنىڭ بىلمىگەنلىكىنى ئابدۇشۈكۈر ۋە ئائىلىسىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشى دەپ كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتنى پارچىلاش، مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ناملار ئاستىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئېغىر جازالىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بايانات يەنە، ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئابدۇشۈكۈر ئائىلىسى پەنجىم يېزىسىدىكى نۇقتىلىق ئائىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئابدۇشۈكۈرنىڭ دادىسى 1999 ‏- يىلى بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش جازاسىغا ئۇچرىغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرىنى، ئابدۇشۈكۈرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىش ھەققىدە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن ۋاڭ لېچۈەن بىلەن نۇر بەكرىگە، ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مېڭشەنگە ئوچۇق مەكتۇپ يېزىشقا چاقىرغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قاتارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلىرىنى جىنايەت دەپ قارىماسلىققا چاقىرغان ھەم ئابدۇشۈكۈر قۇرباننى دەرھال قويۇۋېتىش ۋە ياكى خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەر بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.