مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەككە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەك ئۈچۈن مىسىر سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.06.05
misir-namayish-17-kuni-305.jpg مىسىر خەلقى دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەھرىر مەيدانىدا داۋاملىق نامايىش قىلماقتا. بۈگۈن 17-كۈنى. 2011-يىلى 10-فېۋرال.
AFP

مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەك بىلەن سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى ئىككىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۈرمە جازاسى بېرىلدى.

مەلۇمكى، مىسىردىكى 25-يانۋار نامايىشى غەلىبە قىلىپ، 30 يىللىق دىكتاتور تەختتىن چۈشكەن ۋە خەلق غەلىبىنىڭ تەنتەنىسىنى قىلغانغا بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن دىكتاتورلار جازاسىنى تاپمىغان ئىدى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 3-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا، «مۇبارەك ئۈچۈن ئاخىرقى ھۆكۈم ئېلان قىلىندى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:
«2012-يىلى2-ئىيۇن شەنبە كۈنى مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەك بىلەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى ئىككىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۈرمە جازاسى ئېلان قىلىندى. ئەمما مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن ھەبىب ئادىلىنىڭ 6 نەپەر ياردەمچىسى ئاقلىنىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشى مىسىر خەلقىنىڭ غەزىپىنى تاشۇرغانلىقتىن، مىسىردا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئەمما ئۇلار چىقىرىلىپ بولغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتەلمىدى. مۇبارەك شەرم شەيخ شەھىرىدىكى قارارگاھىدىن ئايرىلىپ، قاھىرە شەھىرىدىكى تۇررە تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىندى. مۇبارەككە ئارتىلغان ئاساسلىق جىنايەت نامايىش ۋاقتىدا 850 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىق دېيىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ مىسىردا يۈرگۈزگەن 30 يىللىق ھەربىي ھالەت جەريانىدا قانچىلىغان ئادەمنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇشىغا، قانچىلىغان بىگۇناھ پۇقرانىڭ تۈرمىلەردە نابۇت بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمىدى. شۇنداق تۇرۇپ بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تۈرمە جازاسىنى نارازىلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇنداقتا ئۇلارنى مۇكاپاتلاش كېرەكمىدى ياكى قويۇپ بېرىش كېرەكمىدى؟».

مۇستەبىت تەختتىن چۈشكەن بىلەن ئىستىبدات تۈزۈم داۋام قىلماقتا

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مۇستەبىت ھاكىممۇتلەقنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئاسان بولغىنى بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىستىبدات تۈزۈمىنى بىر ئاندا يوق قىلغىلى بولمايدۇ. مۇبارەك بىلەن ھەبىب ئادىلى مەڭگۈلۈك تۈرمىگە مەھكۇم بولغىنى بىلەن ئۇلار داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن ئىستىبدات تۈزۈمى ئۆزگەرگىنى يوق. مىسىردىكى ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى قىلمىشلىرى بۇنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى ئۇلار مۇبارەك بىلەن ھەبىب ئىككىسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مۇبارەكنىڭ تۈزۈمىنى داۋام قىلدۇرۇش خام خىيالىدا بولماقتا. مۇبارەككە سوت ئېلان قىلىنىدىغان سائەتتە تاشقىرىدىكى خەلق قاتتىق ھاياجان بىلەن ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ شېھىت بولغان پەرزەنتلىرى رازى بولىدىغان بىرەر ھۆكۈم چىقىرىلىشىنى كۈتۈپ ئالقىشلارنى ياغدۇرغان ئىدى. ئەمما بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ھاياجىنى ۋە خۇشاللىقى غەزەپ نەپرەتكە ئايلاندى. دېمەك، مىسىردا ئەسكەر ئىستىبداتى خۇددى بۇرۇنقىدەك داۋام قىلماقتا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.