مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەكنى ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەر تېپىلدى
2011.12.27

مىسىردا 30 يىل دىكتاتورىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سابىق رەئىس ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ئۇنىڭ جامال ۋە ئەلا ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنىڭ سوتلىنىش ۋاقتى يېقىنلاشقان بولۇپ، كېلىدىغان چارشەنبە كۈنى قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئەسنادا مۇبارەكنىڭ ئادۋوكاتلىرى سابىق رەئىس مۇبارەكنى 25-يانۋار نامايىشىنى باستۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سۆزلىمەكتە.
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 26-دېكابىر سانىدا، مىسىرلىق يازغۇچى مۇنا مەدكۇرنىڭ قەلىمى بىلەن«مۇبارەكنى ئاقلايدىغان دەلىللەر»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان «سابىق رەئىس مۇبارەك بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى جامال بىلەن ئەلانى سوتلاش ۋاقتى يېتىپ كېلىشى بىلەن مۇبارەكنى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىققان. تەبىيئىكى، مۇبارەككە ئارتىلغان جىنايەتلەر 25-يانۋار نامايىشچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمىر بەرگەنلىك جىنايىتىلا ئەمەس. بەلكى ھوقۇقنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قوللىنىش، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلىش، مىسىرنىڭ بايلىقىنى بۇزۇپ-چېچىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىكى ئاستىدىكى يەر-زېمىنلارنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش قاتارلىق كۆپلىگەن جىنايەتلىرى بولۇپ، ئۇنى ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەرنىڭ ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاقلاپ كېتەلمەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. يەنە بۇ ئەسنادا مۇبارەك ئولتۇرغان قەسىرنىڭ ئىچىدىن مىسىرنىڭ نادىر ئاسارە-ئەتىقىلىرى، تارىخىي ۋەسىقىلىرى، كۆپ مىقداردا ئالتۇن ۋە مېداللار، شۇنداقلا قورال-ياراقلار تېپىلغان. بۇ يولسىزلىقلارنى قوشقاندا ئۇنىڭ جىنايىتى يەڭگىللىمەستىن، بەلكى ئېغىرلىشىدىغانلىقى كۈتۈلىدۇ.»
مۇبارەكنى ئاقلىغۇچىلار تاپقان دەلىللەر
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مۇبارەكنى ئاقلىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات يۇسرا ئابدۇرازاقنىڭ باياناتىغا كۆرە، مۇبارەكنى ئاقلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى ئۇنى ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەرنى تاپقان. مەزكۇر ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، قاھىرە شەھىرىنىڭ مۇھەممەد مەھمۇد كوچىسى بىلەن مىنىستىرلار كېڭىشى كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئاخىرقى قانلىق ئەھۋالدا مۇبارەكنىڭ قولى يوق ئىكەن. شۇنىڭدەك، ساقچى ئاپتوموبىلىدا نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى سادىر قىلغانلارمۇ مىسىرلىق ساقچىلار بولماستىن، بەلكى مىسىرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن تەشكىللەنگەن سۇيىقەست گۇرۇپپىنىڭ ئادەملىرى ئىكەن. بۇ جىنايەتلەردە لىۋاندىكى ھىزىبۇللا گۇرۇھىنىڭ قولى بارلىقى سۆزلىنىدىكەن. مۇبارەكنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ دەۋالىرىنى ئىسپات قىلالىسا، مۇبارەك ئۈچۈن كېسىلىدىغان جازانى يەڭگىللىتەلىشى مۇمكىن.
ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى كۇۋەيتتىن 15 كىشىلىك خالىسانە ئاقلاش گۇرۇپپىسى قاھىرە شەھىرىگە كېلىدۇ. ئۇلار چارشەنبە بولىدىغان سوتتا مۇبارەكنى ئاقلاشقا تىرىشماقچى ئىكەن.»