مىسىرلىقلار تۇنجى قېتىم پارلامېنت سايلىمىدا ئاۋاز بەردى
2011.11.29

ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى مىسىرنىڭ قاھىرە، فەييۇم، ئوقسۇر، پورسەئىد، دۇميات. ئىسكەندەرىيە، كەفرۇشەيخ، ئاسيۇت ۋە قىزىل دېڭىز قاتارلىق 9 چوڭ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. نۆۋەتتىكى سايلام مىسىردا يۈز بەرگەن 25-يانۋار نامايىشىنىڭ مېۋىسى ھېسابلىنىدىكەن. سايلامغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 17 مىليون ئەتراپىدا مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. بۇ سايلامغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلغان.
مىسىرلىقلار دېموكراتىيە كۆۋرۈكىدە
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن»گېزىتىنىڭ2011-يىلى29-نويابىر سانىدا،«مىسىرلىقلار دېموكراتىيە كۆۋرۈكىدە» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىسىردا سابىق رەئىس مۇبارەكنىڭ 30 يىللىق دىكتاتورلىقىغا خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىن، دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خەلق ياقتۇرىدىغان مەسئۇللارنى تاللاپ چىقىرىش ھەممە كىشىنىڭ تەلىپى بولۇپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى مىسىر خەلقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئاۋاز بېرىش ساندۇقلىرىغا تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە زور ھاياجان بىلەن بېرىشتى. بۇ يىل 11-فېۋرال كۈنى مىسىرلىقلار سابىق رەئىس مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت ھازىرغىچە مىسىر ھەربىي قوماندانلىقىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. مىسىرلىقلار ھاكىمىيەتنى خەلقنىڭ قولىغا يۆتكەش يولىدا ھەممە پىرقە ۋە ھەممە مەزھەپ بىرلەشكەن ھالدا سايلام مەيدانىغا كىردى. مىسىر خەلقى ئەرەب باھارىنى قوزغاش ئارقىلىق بارچە ئەرەب دۇنياسىنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىنىدەك، ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىش ئىشىدىمۇ ئۈلگە ياراتماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ بۇ غەلىبىسى راستىنىلا قۇتلىنىشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما مىسىر خەلقى بۇ غەلىبىگە ئاسانلىق بىلەن ئېرىشكىنى يوق. ئۇلار بۇ يولدا قۇربانلار بەردى. تۇغقانلىرىدىن، يېقىنلىرىدىن ۋە بەزىسى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلدى. شۇڭا مىسىرلىقلار ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇ دېموكراتىيە قىممەتلىك دېموكراتىيىدۇر.»
مىسىرلىقلار ھاياجانغا چۆمدى
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىدىمۇ مىسىردىكى سايلام ئۈچۈن ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىن مۇھەممەد ئەجەم دېگەن كىشىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن نۆۋەتتىكى پارلامېنت سايلىمى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھاياجانلىق ئۆتكەن. مىسىر تېلېۋىزىيىسى ‹خەلق تاللايدۇ› دېگەن شوئار ئاستىدا سايلام جەريانىنى نەق مەيدان كۆرسىتىپ تۇرغان. مىسىردا قېرى، ياش، ئەر، ئايال ھەممىسى سايلامدا ئاۋاز بەرگەن.»