12‏-ئىيۇن كۈنى موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوندا ئوخشىمىغان نامايىش

بۈگۈن موسكۋادىمۇ، ۋاشىنگتوندىمۇ چوڭ نامايىش بولدى. ئەمما بۇ ئىككى پايتەختتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ مەزمۇنى بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.06.12
putin-qarshi-namayish-moskwa-305.jpg رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋېلادېمىر پۇتىنغا قارشى قىلىنغان نامايىش. 2012-يىلى 12-ئىيۇن، رۇسىيە.
AFP

ۋاشىنگتوندا نامايىشچىلار كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قەھرىمانلارنى خاتىرىلىدى ۋە ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت كەلتۈرگەن كوممۇنىزم تۈزۈمىگە لەنەت ياغدۇردى. ئەمما موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بولسا، كىشىلەر «رۇسىيىگە پۇتىن كېرەك ئەمەس» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلدى. بۇ نامايىشتا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىزم تۈزۈمىنى تىكلىگەن لېنىننىڭ جەسىتىنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندىن ئېلىپ تاشلاپ كۆمۈۋېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈن، 6‏-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى تىكلەنگەنلىكىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى خاتىرىلەيدىغان بۇ ئابىدىنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بۇ ئابىدە ئالدىدا، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش، كوممۇنىزمغا لەنەت ياغدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل ۋاشىنگتوندا مىڭلىغان ئادەم بۇ ئابىدە ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشتا، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، مەرھۇم توم لانتوس ئەپەندىنىڭ ئايالى ئانېت لانتوس خانىم «لانتوس فوند جەمئىيىتى» گە ۋاكالىتەن، ئالبانىيىدىن كېلىپ ئامېرىكىغا يەرلەشكەن دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دىئوگات ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ كىشىگە «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تەقدىم قىلدى. ئۇلار نامايىشچىلار بىلەن بىللە، كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قەھرىمانلار ئۈچۈن گۈلچەمبىرەك قويدى.

بۈگۈن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نامايىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»، «تېلېگراف گېزىتى»، «فرانسىيە ئاگېنتلىقى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى موسكۋادىن يوللىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۈگۈن، 6‏-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان دۆلەت بايرىمى ياكى رۇسىيە كۈنى. بۇ بايرام رۇسىيىدە 1992‏-يىلىدىن باشلاپ داۋاملاشماقتا. بۈگۈن رۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش، رۇسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان نامايىش ئەمەس، بەلكى ھازىرقى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى ئەيىبلەيدىغان نامايىش بولدى.

خەۋەرلەردە تەسۋىرلىنىشىچە، نامايىشچىلار پۇشكىن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، رۇسىيە ساقچىلىرى 18 مىڭ نامايىشچى بىلەن قارشىلاشقان. ئەمما نامايىشچىلار، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەندىمۇ ئۆزلىرىنى ئىنتايىن تەمكىن تۇتقان. ئۇلار «پۇتىن قاراقچى»، «رۇسىيىگە پۇتىن كېرەك ئەمەس»، «رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنتىنى قايتىدىن سايلايمىز» دەپ شوئار توۋلاپ ماڭغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقا ئادەم سانى 100 مىڭغا يېقىن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، رۇسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتكە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرى لېنىننىڭ موسكۋادىكى قىزىل مەيدانغا سېلىنغان قەبرىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇزېيى سېلىش، لېنىننىڭ جەسىتىنى كۆمۈۋېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ تەشەببۇسنى بۈگۈنكى چوڭ نامايىشتا رۇسىيىدىكى كىشىلىك تەشكىلاتلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

«ب ب س» نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، رۇخسەت ئالماي ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئاشۇرۇپ جەرىمانە قويۇش بۇيرۇقى ئىمزالىغان. رۇسىيە ساقچىلىرى ناۋالنېي فلات، سېرگېي ئۇدالتسوف، ئېليا ياشىن قاتارلىق مەشھۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ئاختۇرۇپ تەھدىت سالغان.

بۈگۈن موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشتىن سەل بۇرۇن، رۇسىيىدىكى بىر قىسىم ئىنتېرنېت تور بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن. رۇسىيىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى كسەنىيا سوبچاك، رۇسىيىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تېررورچىلىقىنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىشىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن، دەپ ئەپسۇسلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.