بۇ يىغىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە داۋام قىلماقچى. كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەدمىن بوسۋورس يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.
بۇ يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتى، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن 250 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا تىل، ئەدەبىيات، ئارخېئولوگىيە،جەمئىيەتشۇناسلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، سىياسەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئۆز دوكلاتلىرىنى سۇنماقتا.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەرگىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر مۇھاكىمە سورۇنى ئايرىغان.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر ئابدۇرسۇل، تۈركىيىدىن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياپونىيىدىن ئىلھام مەھمۇت ۋە ئەنگلىيىدىن ئەنۋەر توختى قاتارلىقلار قاتناشماقتا.
بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.