ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر مۇھەممەد ئىقبال ھەققىدە ئەسلىمە

مۇھەممەد ئىقبال پاكىستاننىڭ مىللىي شائىرى ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان ئىسلام شائىرى بولۇپ، پۈتۈن شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ھەقىقىي مۆمىن مۇسۇلمانلىق روھى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى ۋە ئەسەرلىرى ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.05.13

ئۇلۇغ شائىر مۇھەممەد ئىقبال 1873- يىلىدا پاكىستاننىڭ پەنجاپ ۋىلايىتىگە قاراشلىق پىيالكان يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدى.

1905 - يىلى لوندوندىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ پەلسەپە ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تۈگەتكەن. لوندوندا تۇرغان بۇ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىقبال ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى پاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە، بىر قاتار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئاچقان ۋە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىلەن لوندوندا نام چىقارغان. 1908 - يىلى ھىندىستانغا قايتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن تەنتەنە بىلەن قارشى ئېلىنغان. ئىقبال ھىندىستاندا ئىشنى ئادۋۇكاتلىقتىن باشلىغان بولۇپ، ۋەتىنىدىكى سىياسى پائالىيەتلەرگىمۇ قېتىلىپ خەلقىگە يولباشچى بولغان.

شائىر مۇھەممەد ئىقبال شېئىرلىرىدا ھىندىستان خەلقىنى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدا غايەت زور رول ئوينىغان.

ئۇلۇغ شائىر مۇھەممەد ئىقبال ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە نەشرىياتچى ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلجېلىل تۇران بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئىقبال پاكىستاننىڭ مىللىي شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى. پەلسەپە، ئىقتىساد ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. پاكىستان خەلقى ئۇنى ئەللامە ئىقبال' دەپ ناھايىتى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ھەتتا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنىمۇ كۆردۈم. بۇ يىل تۈركىيىدە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شېئىرلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، نەشردىن چىقتى ۋە تارقىتىلدى."

ئىقبالنىڭ ئىسلاھ يولىدا قىلغان ئىشلىرى

ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەد ئىقبال ھاياتقا بولغان چۈشەنچىلىرىنى ۋە قاراشلىرىنى شېئىرلىرىدا ئىپادە ئەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلاھ ھەققىدىكى ئاساسى چۈشەنچىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1 - مۇھەممەد ئىقبال ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى چىن دىلىدىن سۆيەتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بىر دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يازغان نۇرغۇن قەھرىمانلىق داستانلىرى بار ئىدى. 1908 - يىلى ياۋروپادىن ھىندىستانغا قايتىشىدا سېكىللى ئارىلىغا بارىدۇ ۋە ئۇيەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۆز ئۆزىگە:
كۆزەڭنىڭ يېشى بىلەن ئەمەس،
تۆكۈلگەن قېنىڭ بىلەن يىغلا.
دېگەن.

2 - ئىقبالنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاساسى -- ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن ئىشى ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى تەربىيىلەش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىدۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ سائادەتكە ئېرىشىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاساسى ئىنساننىڭ نەپسىگە بولغان تەربىيىسىنى ئاساس قىلماقتۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.