«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا قويۇلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم –«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا قويۇلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.13
on-sherti-305.jpg "ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ
http://www.10conditionsoflove.com/

فىلىم ئىشلىگۈچى لېۋىس ئەپەندى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن بولسىمۇ، پۈتۈن ئاۋسترالىيىگە تارقىتىلغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر فىلىم 2009-يىلى خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلگەن ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» نى ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى تېلېۋىزىيە تورى تارقاتقان بولۇپ، فىلىم 2012-يىلى 10-ئىيۇن رەسمىي قويۇلغان.

«ئاۋسترالىيان» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر فىلىم پۈتۈن ئاۋسترالىيىگە تارقىتىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ھىندىستان ۋە بىر قىسىم تىنچ ئوكيان ئەللىرىگىمۇ تارقىتىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئىشلىگۈچى جون لېۋىس مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا رەسمىي تارقىتىلغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، ئەمما فىلىمنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنە چەكلىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاۋسترالىيە تېلېۋىزور تورىدا كۆرسىتىلىشى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئامېرىكىلىق رېژىسسور جېف دانىېل تەرىپىدىن ئىشلىنىپ 2009-يىلى دېكابىردا مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان ئىدى. بۇ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» قانلىق باستۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى بەكلا ئەنسىزلەشكەن ۋە خىتاي ۋەقەنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا دۆڭگەشنى كۈچەيتكەن مەزگىل ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشكە ھەمدە فىلىمنى فېستىۋالدىن ئېلىۋېتىشكە كۆپ تىرىشقان.

ھالبۇكى، كانبېررا دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەن ۋە فىلىم مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىدا داغدۇغىلىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل جىددىيلەشتۈرگەن.

فىلىم رېژىسسورى جېف دانىيال 2010-يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر فىلىمگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ۋە ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەرياندىكى سەرگۈزەشتلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدى.

جېف دانىيال فىلىم ھەققىدە قوزغالغان ئىنكاسلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلۋەتتە خىتاي، بۇ ئىشلارنى بەكلا قوچۇپ كەتتى. مەن پەقەت بىر قالتىس ئايال ۋە ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە بۇ ھېكايە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىم ئىشلىدىم. بۇ فىلىمنى مەزكۇر ئايالنىڭ تەرجىمىھالى دېسەممۇ بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا بۇ فىلىمنى كۆرمەي تۇرۇپلا؛ فىلىمگە قارشى چىقىشى، پەقەت بۇ فىلىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «بىرىنچى دەرىجىلىك خەلق دۈشمىنى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىر ئايال ھەققىدە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەنە باشقىلارنىڭ مەزكۇر فىلىمگە نىسبەتەن قىزىقىشىنى كۈچەيتتى. كىشىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر فىلىمگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قارشى ئىكەنلىكىگە قىزىقىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ھەتتا بۇ ئاۋازنىڭ مەندەك بىر ئادەمنىڭ كىنوسى ئارقىلىق ئاڭلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشى كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئاۋسترالىيىدە تارقىتىش ھوقۇقنى سېتىۋالغانلىقى مەلۇم.2011-يىلى ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مارك سكوتنىڭ «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئاۋسترالىيىدە قويماسلىق بۇيرۇقى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ يىلى دېكابىردا ئاۋسترالىيە پارلامېنتى مارك سكوتنى چاقىرتىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى تېلېۋىزىيە تورى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2012-يىلى يانۋاردا بايانات ئېلان قىلىپ، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» نى 2012-يىلى ئىچىدە ئاۋسترالىيىدە قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

دەرۋەقە فىلىم بۇ يىل 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى تېلېۋىزىيە تورىدا رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر ئىلگىرى پەقەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇلايسىزلىق تۈپەيلى فىلىمنى قويۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، فىلىمنى «قويماسلىقتا خىتاينىڭ بېسىمى بار» دېگەن گۇمانلارنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، بۇ فىلىمنى ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا قويۇش قارارىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىمۇ بۇنىڭدا مۇھىم روللارنى ئويمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» نى ئاۋسترالىيىدە قويۇش رۇخسەتنامىسىنى بۇ يىل قايتا يېڭىلىغان بولۇپ، بۇ فىلىمىڭ ئاۋسترالىيىدە يەنە بىر مەزگىل قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.