'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' مەشھۇر خەلقئارالىق فېستىۋال - تاغ فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم مەشھۇر خەلقئارالىق فېستىۋال- تاغ كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋال، كىشىلەرنى دۇنيادىكى قەدىمىي مىللەتلەر، قەدىمىي مەدەنىيەتلەر، قەدىمىي شەھەرلەر، قىممەتلىك ھايۋانلار ۋە تەبىئىي مۇھىت قاتارلىقلارنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

0:00 / 0:00

فېستىۋال 1979 ‏- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىنىڭ Telluride شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. 27‏ - مايدىن 30 ‏- مايغا قەدەر

داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى فېستىۋالOpens in new window ]

بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىدە.

بۇ فېستىۋالغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى زۇبەيرە خانىم ۋە رابىيە خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.