مۇجاھىد قەشقەرلى ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى

مۇجاھىد قەشقەرلى ھازىر يېڭى-يېڭى شېئىرلارنى يادلاپ يىغىن، مۇراسىم ۋە تېلېۋىزىيە قاناللاردا شېئىر ئوقۇشنى داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن قېتىم تۈركىيىنىڭ «Show TV» تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تالانت سىزدە» ناملىق پروگراممىسىغا قاتنىشىپ شېئىر ئوقۇغان ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

4 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى «Show TV» تېلېۋىزىيە قانىلىدا شېئىر ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ھېسسىياتلىق شېئىر ئوقۇش تالانتىنى كۆرگەن باشقا تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ ئۇنى پروگراممىلاردا شېئىر ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلماقتا. مۇجاھىد قەشقەرلى تۈركىيە ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، چاناققەلئە شېھىتلىرى ئۈچۈن يېزىلغان 21 كۇپلېتلىق ئۇزۇن شېئىرنى يادقا ئوقۇش بىلەن بىرگە تۈركىيىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇپ كىشىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالقىشىغا ئېرىشتى.

mujahid-qeshqeri-trt-385.jpg
مۇجاھىد قەشقەرلى ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە. 2012-يىلى مارت، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

تۈركىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «چاناققەلئە» دېگەن شېئىرى 21 كۇپلېتلىق ئۇزۇن بىر شېئىر بولۇپ، مۇجاھىد قەشقەرلى ئۇ شېئىرنىڭ ھەممىنى تولۇق يادلىغان ۋە ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ چاناققەلئە شېھىتلىرى توغرىسىدا تارقاتقان نەق مەيدان پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۇ شېئىرنى تولۇق ۋە جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. مۇجاھىد قەشقەرلى مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىدا يەنە تۈركىيىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى تولۇق دېكلاماتسىيە قىلدى.

مۇجاھىد قەشقەرلى ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرەنىڭ ئەتەمۇستكۇت شەھەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا شېئىر ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەيسىرىدە بىر پروگراممىغا قاتنىشىپ شېئىر ئوقۇدى ۋە قەيسىرى ۋالىسىنىڭ ئالاھىدە تەبرىكلىشىگە ئېرىشتى. مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ شېئىر ئوقۇشلىرىدىن تەسىرلەنگەن چاناققەلئە 18 مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەھمەت ئەرات ئەپەندى، ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە پروگراممىغا نەق مەيداندىن قاتنىشىپ مۇجاھىد قەشقەرلى توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. دوكتور مەھمەت ئەرات ئەپەندى مۇنداق دېدى: مۇجاھىد قەشقەرلى ئوقۇغان ئۇ شېئىر ھەقىقەتەن چاناققەلئە روھىنى پۈتكۈل مەنىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەۋرىلىرى، ھەقىقەتەن ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلارغا ئىگە چىققانلىقىنى بىزگە كۆرسەتمەكتە.

ئەزەربەيجانلىق سەنئەتچى خانىم، مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ شېئىر ئوقۇشىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇجاھىد بىزنى بەك ھاياجانلاندۇردى. مۇجاھىد قەشقەرلى 21 كۇپلېتلىق ئۇزۇن شېئىرنى يادا ئوقۇدى، مەن ئۈچۈن بۇ يېشىمدا ئۇنچىۋالا ئۇزۇن شېئىرنى يادلاش ياكى ئوقۇش زور بولىدۇ. مۇجاھىد قەشقەرلى شېئىر ئوقۇغاندا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ جۇشقۇن بىر روھ بىلەن ئۇقۇشى دىققىتىمنى تارتتى. مەن بەك ھاياجانلاندىم، ئاللاھ ئۇنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن. ئەلۋەتتە بىزنىڭ بۇ خىل ئەۋلادلىرىمىز بار، بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمىز، ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلارنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلارغا ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئۆگىتىدۇ، شېھىتلەرنى ئەسلەشنى، بايراقنى سۆيۈشنى، تارىخنى ئۆگىتىدۇ، مەن مۇجاھىدنىڭ ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ خىل ئەۋلادلار پەقەت تۈركىيىدە ئەمەس بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا يېتىشىپ چىقىدۇ، تارىخنى بىلىدىغان، ۋەتەن-مىللىتىنى سۆيىدىغان، بايرىقىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى بەك مۇھىم.

پروگرامما جەريانىدا يەنە چاناققەلئەدىن پروگراممىغا قاتناشقان دىلەك خانىم، مۇجاھىد توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. شۇنداق، مۇجاھىد شېئىردا دېگەنگە ئوخشاش، ئۆزىنى پاك تۇتقان نەسىل ھەقىقەتەن ئەركەك نەسىل، جەڭ قىلىپ ئار-نومۇسنى ئاياغ ئاستى قىلدۇرمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلدۇرمايدۇ. مۇجاھىد قەشقەرلىگە ئوخشاش ئەۋلادلار داۋاملىق يېتىشىپ چىقسا، بىزنىڭ خەلق ھەرگىزمۇ يېڭىلمەيدۇ. دېگەنگە ئوخشاش شېئىر ئوقۇش بىلەن ئىپادىلىدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ دادىسى كامىلجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.