ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىللىق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت نىشانى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلدى

يېڭى يىل كىرىش ھارپىسىدا جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە قارىتا «بۆلگۈنچىلىكنى باستۇرۇشنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» يوليورۇقىنى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.01.07
urumchi-kocha-qoralliq-herbiy.JPG ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق كۈچ. 2010-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

2012-يىلى 28-دېكابىر، جاڭ چۈنشيەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداشتا قوللىنىدىغان ئىستراتېگىيىسى ۋە يېڭى بىر يىللىق مۇقىملىق خىزمىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ يىل مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئالدىنى ئېلىشتا ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى بىرىنچى ئامىل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئومۇمى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى تەلەپ قىلغان.

جاڭ چۈنشيەن بۇ نۆۋەت تەكىتلىگەن ئوخشىمايدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇ «يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يەنى يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۈستۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. ھەر قېتىملىق مۇقىملىق ساقلاش يىغىنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئېچىلىپ كەلمەكتە ۋە يىغىندىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشتا يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنغاندىن باشقا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكەت پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي تورلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن بۇ يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش يوليورۇقى بېرىلىشى بىلەن ھەر قايسى جايلاردا مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملارنى نىشان قىلىپ ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-يانۋار كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاقسۇ بويىچە يېڭى يىلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرىپ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ھەر بىر ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈش، پارتىيە سىياسىتىنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئېڭىغا، يۈرىكىگە سىڭدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە يېڭى يىلدىكى سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. ئاقسۇ پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر 76 نۇقتىلىق يېزا، كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتىنى نىشانلىق تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىپ، ھەر قايسى ناھىيىلەردىن 3354 نەپەر كادىر بۇ جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشىغا ئەۋەتىلىدىكەن. بۇ ئۆگىنىش ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلىدىكەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىزىلسۇنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدىمۇ يېڭى يىل كىرىشى بىلەن 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش سىياسىي ئۆگىنىشلىرى باشلانغان. سوغۇق ھاۋادا كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە كېلەلمىگەن، قېرى-چۈرىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تەشۋىقات كادىرلىرى ئەۋەتىلىپ ئائىلىدە سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشنى چىڭ تۇتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

6-يانۋاردىكى قىزىلسۇ تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى يىغىن چاقىرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىلدىكى مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە جاڭ چۈنشيەننىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن ۋە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈرەشنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ كۈرەشنىڭ مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى باش كۆتۈرمەستىن تۇرۇپ ئالدىن باستۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قىزىلسۇ پارتكوم سېكرېتارى رېن زېڭسۈن تەرىپىدىن تەكىتلەنگەن.

قىزىلسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر كۆزەتچى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، يېقىندىن بۇيان ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي تەدبىرلەر يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر تىنچلىق تورىنىڭ 5-يانۋار خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، پوسكام ناھىيىسى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ناھىيىنىڭ ھەر قايسى يېزا، كەنتلىرىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ 24 سائەتلىك چارلاش ۋە قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن باشقا، پوسكامنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا ھەر كۈنى يېزىلىق پارتكوم، ساقچى، تەپتىش ۋە باشقا مەمۇرىي ئورۇنلاردىن بىردىن جەمئىي 6 كىشى كۈندە نۆۋەتچىلىككە قويۇلۇپ كەنتلەردە كېچىدە ئايلىنىپ، ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىنى، مۇھىم ئورگان ۋە نۇقتىلارنى چارلاش ۋە چارلاشتىن دوكلات تەييارلاپ يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت ئورۇنلارغا تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتقان. بۇ خىل مۇقىملىقنى قوغداش ئۇسۇلى ھەر بىر كەنتلەرگىچە كېڭەيتىلىدىكەن.

بۇ خىل مۇقىملىق تەدبىرلىرى ۋە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش مائارىپ ئورۇنلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچەيتىلگەن بولۇپ، قەشقەر تىنچلىق تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، پوسكامنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بىر سائەتلىك مۇقىم سىياسىي ئىدىيىۋى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن بىر قېتىم ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىش ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆگەنگەنلىرىدىن ئىمتىھان بېرىشتەك قاتتىق تۈزۈملەر ئورنىتىلغان.

پوسكامدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئامانلىق خادىمى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەكتەپلەردىمۇ سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىپ تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، كادىرلارغا خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاپ يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قېلىپلاشقان سىياسىي ئۆگىنىش ۋە باشقا مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ھېچقانداق تەسىرى بولمىغانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزا، كەنتلەردە دېھقانلاردىن باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئوخشاشلا بىھاجەت سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە يىغىۋېلىنىپ، قاتناشمىغانلاردىن جەرىمانە ئېلىشتەك يولسىز تەدبىرلەر داۋاملاشماقتا بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى ئەمەس، پەقەت باشقۇرۇشنى قوغلىشىدىغان يىغىۋېلىشلار «ئاممىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتىدا ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.