خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىلىدىكى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، 2012-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.11.29
urumchi-weqesi-tutqun-305.jpg خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA/Shu videodin elinghan korunush

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەتلىرىنى بەلگىلەش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ، ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، سابىق سېكرېتار ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىقلار قاتناشقان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىللىق ئىقتىسادىي، سىياسىي خىزمەت نىشانلىرى بەلگىلەنگەن مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسىي نۇقتىسى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش بولغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى جۇ يۈنكاڭ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىپ، 2012-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. جۇ يۈنكاڭ يەنە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ۋە ئېنېرگىيە، قاتناش-ترانسپورت، سۇ مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىش پىلانلىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جۇ يۈنكاڭ يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنى «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش» پىلانىنىڭ مۇھىم بىر ئىستراتېگىيىسى بولغان «قوش تىللىق مائارىپ» نى ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ يوليورۇق قىلغان.

جۇ يۈنكاڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇقىملىقنى قوغداشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىگە 3000 ئالاھىدە ساقچى يۆتكىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان بۇ ئالاھىدە قىسىم ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق تۇيۇقسىز بىر ھەرىكەت ياكى ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە بىۋاسىتە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، باشقا ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاھىدە قىسىملارمۇ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى قاتتىق باستۇرۇپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈرمىلەرگە سولىغان، 30 غا يېقىن ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. دائىرىلەر يەنە ئۈرۈمچىدە بىر قانچە قېتىملىغان چوڭ تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن تىرىكچىلىك يولى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان چەت-ياقا مەھەللىلەرنى پۈتۈنلەي تۈزلەپ، ئۈرۈمچىدە نوپۇسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدەپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا چىقارغان خەۋەرلىرىدە، ئۈرۈمچىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئارتىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئەمما ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇن ئۈرۈمچىگە 3000 ئالاھىدە ساقچى كۆپەيتىلگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يىغىندا يەنە «ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەت ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بىخۇدلىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىي يەنىلا ئاجىز، يوشۇرۇن خەۋپلەر يەنىلا مەۋجۇت، شۇڭا ئالاھىدە قىسىملار چوقۇم ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، تېررور ھەرىكەتلىرىگە ۋاقتىدا زەربە بېرىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى جۇ يۈنكاڭنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت يىغىنىدا ۋە ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇقىملىقنى تەكىتلىشى ۋە ئۈرۈمچىدە ئالاھىدە ساقچى كۆپەيتىشىدەك ئەھۋال چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېلىھەم مۇقىملىقتىن ئەنسىرەپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەسىلە، دەپ قارىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كەڭ تونۇلۇشى ۋە خەلقنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان نارازىلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 3000 ساقچى كۆپەيتىش مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئالاھىدە قىسىمنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەپ قېلىپ، ئۇلارنى نوپۇسقا ئېلىشنىڭ بىر باھانىسى، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.