شۇ تاپتا نامايىش مەيدانىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇۋاتىمىز.
ۈگۈنكى بۇ نامايىشنى د ئۇ ق، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى مەريەم مەيدانىدا سائەت 11 بىلەن باشلانغان بۇ نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى. ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، «يوقالسۇن خىتاي دۆلەت تېررورى!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار ۋە 18-ئىيۇل خوتەن قىرغىنچىلىقى ھەم 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئائىت سۈرەتلەر ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى چەكتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، « 18-ئىيۇل خوتەن قىرغىنچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنىڭ روشەن دەلىلى، بۇ ئادالەتسىزلىككە دۇنيا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك!» دېدى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا تەرەپسىز بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تىزدىن ئەۋەتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن خوتەندىكى قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپلا قالماي، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلىنى «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلەن بۈگۈن سەھەردە كۆرۈشۈپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم نامايىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيىنىڭ 2012-يىلىنى خىتاي مەدەنىيەت يىلى قىلىپ بېكىتىش مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بۈگۈن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.