پارىژدىكى بىرلەشمە نامايىش ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۇق نىڭ چاقىرىقىغا ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋىتسارىيىدە، شۋېتسىيە، نورۋىگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

2010.07.05
fransiye-namayish-305.jpg ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯘﺵ
DUQ

 
نامايىش  باشلىنىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن، دۇق نىڭ باش كاتىپى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارىجدىكى بىر يىغىن زالىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى  سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى ۋە جەريانى، ئۇنىڭ سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
 
دولقۇن ئەپەندى  5 - ئىيۇل ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلاندۇرۇلغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن، بەزى شاھىدلار ۋە تەرەپسىز مەنبەلەر تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزەلدىن بەرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ۋە ھەقىقىي  پاكىتلارنى بۇرمىلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھەقىقى سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ۋە دېموكراتىك ئەللەردىن شەرقىي تۈركىستان’ غا تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، بىرلەشمە نامايىش باشلاندى.  
 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە د ۇ ق نىڭ مەركەزدىكى رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا، يۇقىرقى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، فرانسىيىدىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان فرانسۇز دوستلار، تۈركلەر ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 500 كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس ئاپتوبۇس ۋە ماشىنىلار بىلەن كېچىچە نەچچە يۈز  كىلومېتىر يول يۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
 
فرانسىيە ۋاقتى سائەت 13:00 تە  پارىژ ئەئىففەل تۆمۈر مۇنارىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپلانغان نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بەسىم سىياسىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىغا ئائىت  كۆرۈنۈشلەر ئورۇن  ئالغان رەسىملىك تاختىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈشۈپ، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاراڭلىق شوئار توۋلاپ، دۇنياغا مەشھۇر ئەيفەل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى زىلزىلىگە سالدى.
 
ئۇيغۇر نامايىشچىلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن ئەئىففەل تۆمۈر مۇنارىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن 10 مىڭلىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى، مىڭلىغان ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى بەس - بەس بىلەن رەسىم ۋە فىلىمگە ئېلىشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان 5 - ئىيۇل شېھىتلىرى، شۇنداقلا بارلىق شېھىتلەرنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.
 
دۇق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا، دۇق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە نامايىشقا قاتناشقان يۇقىرقى 8 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسۇللىرى ئارقا - ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ئەتراپتا توپلانغان مىڭلىغان يەرلىك ئاممىغا ۋە ساياھەتچىگە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشتى، ئۇلارنىڭ نۇتۇقلىرى ئۇدۇللۇق فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىندى.
 
نامايىشنىڭ باشلىنىشىدا يەنە فرانسىيىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە  ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە يەنىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
 
ئەئىففەل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدىكى مەيداندا، دۇق تەرىپىدىن فرانسۇز  تىلىدا ھازىرلانغان ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان نەچچە مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋارىقى ئەتراپتىكى ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلدى.
 
مەيداندىكى مۇراسىمدىن كېيىن، نامايىشچىلار قوشۇنى، فرانسىيە  ساقچىلىرىنىڭ يول باشلىشىدا   ئەئىففەل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئالدىدىن خىتاينىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
 
نامايىشچىلار يول بويى ئىنگىلىزچە، فراسۇزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە، < تېررورىست خىتاي ! قاتىل خىتاي !  ۋەتەن بىزنىڭ ! ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن ! > دېگەندەك تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى شوئارلارنى جاراڭلىق توۋلىشىپ، ئەتراپتىكى يەرلىك ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.
 
 يول بويى توختىماي شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار قوشۇنى تەخمىنەن بىر سائەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يېتىپ كېلىشتى.
نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، خىتايغا قارشى شوئارلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.