ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندا زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقچى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تالىبان كۈچلىرىگە قارشى زور كۆلەملىك ئۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئافغانىستاندا 2001 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور كۆلەملىكى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.08
NATO-Afghan-mountain-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺷﺘﺎ.
AFP Photo

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر ھەرىكەت ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ مارجاھ دېگەن يېرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مارجاھ تالىبان كۈچلىرى مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بوب ئېينىسۋورس بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە تالىبان كۈچلىرىنى تارمار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ناتو ئەسكەرلىرىدىنمۇ چىقىم بولۇشىنىڭ ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىنلىقىنى، مەيلى قانچىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال - ياراق ياكى مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنىڭ بەرىبىر بىر ئۇرۇش مەيدانى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۈزدە يۈز مۇداپىئىلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ستەنلي مېككىرىستال بولسا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتە كۈچلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ناتو تەشكىلاتى ھەرىكەتنىڭ زادى قايسى كۈننى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ناتو مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېلان قىلىشتىكى سەۋەبنى يەرلىك خەلقنى ئۇرۇشتىن ئاۋال تارقاقلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ توقۇنۇشلاردا چىقىمغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مارجاھ كەنتى تالىبانلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ رايوننىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەر ھەم ئەپيۇن تىجارىتىنىڭ ئۇۋىسى ئىكەن. ناتو قىسىملىرى ھازىر 80 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولغان مارجاھلىقلارنى بالدۇرراق باشقا يەرلەرگە كېتىشكە چاقىرماقتا. ئەمما بەزى كۆرگۈچىلەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇرۇشتىن بالدۇر خەۋەر تاپقان تالىبان كۈچلىرىمۇ رايونغا قورال - ياراق ۋە مىللىتارىستلىرىنى يۆتكەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان.

ئۆتكەن ھەپتە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئارقا - ئارقىلاپ تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىلەردە يىغىن ئېچىپ، ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ستراتېگىيىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى. ناتو باش كاتىبى ئاندېرس رامۇسسېنمۇ قاتناشقان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، ئامېرىكىنىڭ ناتو كۈچلىرىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ناتو كۈچلىرى ئافغان ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيىلەرنى بەلگىلەپ چىققان بولۇپ، بەزى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلە، "تالىبان كۈچلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئورنىغا ئۇلارنى ئىچكى قىسىمدىن پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئافغانىستان ئارمىيىسىنى يېتىشتۈرۈش" ئىكەن.

ناتو كۈچلىرى ئافغانىستان ئارمىيىسىنى يېتىشتۈرۈش مەسىلسىىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 2 يېرىم مىڭ ئەتراپىدا ھەربىي تېرىنېر كېتىدىكەن. ئامېرىكا ۋە ناتو ھازىر بۇ ۋەزىپىنى ئاساسلىق تۈركىيىنىڭ ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيىنىڭ رايوندىكى ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىنى ئىپادە قىلىشماقتا. تۈركىيىدىكى بەزى سىتراتىگىيە مۇتەخەسىسلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن توغرا قەدەملەر بېسىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىچكى سىياسەتتىكى نومۇرىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە قارىماي ئافغانىستانغا قوشۇمچە 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە يېڭى ئافغان سىتراتىگىيىسىنى بەلگىلىشى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىى بولۇپ، ناتو رەئىسى ئاندىرېس رامۇسسېننىڭ، "بىز ئافغانىستاندا ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغۇچە داۋاملىق تۇرىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىمىزنىڭ 2011 - يىلى بولۇشى ناتايىن،" دېگەن سۆزىمۇ مانا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

كۈزەتكۈچىلەر ھازىرقى يېڭى ئافغان ستراتېگىيىسىنىڭ ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ روسىيە ۋە خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.