'نەپرەتكە تولغان ئۇيغۇر دىيارى'

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە "نەپرەتكە تولغان ئۇيغۇر دىيارى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە يەر بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﺍﺯﺩﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﺍﺯﺩﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻧﯜﺵ.
www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ قارىماققا تېنچ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور ئەنجۇ جېيكوبس ماقالىسىدە 2009" - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قارىماققا ھايات نورمالغا قايتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ھەر يەرگە قويۇۋېتىلگەن كۆزەتكۈچى كامېرالار ۋە ئەتراپتا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار بولۇشىغا قارىماي، بۇ شەھەردە قايغۇ ۋە ئەندىشىنى يەنىلا ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولاتتى" دەپ بايان قىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن چۈشكەن مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغان بىر مۇلازىمەتچى ماڭا 'تالاغا چىققاندا قوقمىساڭمۇ بولىدۇ. ھازىر ھەممە يەر تېنچ' دېدى، ئەمما ئۇ بىردەمدىن كېيىن 'ئامال بار كەچتە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تەرەپلەرگە ئۆتمە' دېدى.

ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ لېچۇەننى ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىل تەشۋىقات ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچسىزلىكنى يوقىتىشتا كۆپ پايدىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، گۇمان قىلغانلىكى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە 9 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە كالىفورنىيىدىكى پامونا ئىنستىتۇتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى گلەدنىي ئەپەندىنىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن بولۇپ، گلەدنىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: "ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ" دېگەن.

ئاپتور ئەنجۇ جېيكوبس ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلەرنىڭ قاتتىق تەقىبكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى خىتاي بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي - پىكىرلىرىنى ئېلىشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىغا دائىر بېرىلگەن نۇرغۇن ۋەدىلەردىن كېيىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئوي ‏ -خىياللىرىنى ئالالىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر نەپەر خىتاي ئاشخانا خوجايىنى دەسلەپتە ماڭا 'بىز ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى' دېگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن راست گەپنى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ ئىسمىنى جۇ دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خىتاي 2004 - يىلى يۇرتى سىچۇەندىن ئايرىلىپ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ماڭا 'مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگودا بەختىيار ھالدا ياشاۋاتقان 56 مىللەتنىڭ بىرى دەپ قارىغان ئىدىم. ئەمما كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇم. بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆپ ئورتاقلىق يوق ئىكەن' دېدى."

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق 1949 - يىلىدا ئۇيغۇر رايونىدا 90 پرسەنت نوپۇسقا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنى ھازىر 50 پرسەنتتىنمۇ تۆۋەن ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىچىدە قاتتىق نارازىلىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ "ئۇيغۇرلار ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگىلا ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى" دەيدۇ ۋە ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىتايچىنى ياخشى بىلمەسلىك باھانىسى بىلەن ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىگە "ئىلگىرى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پەقەتلا خىتايلار ئىشقا قوبۇل قىلىنىدۇ دەيدىغان سىياسىتى بار ئىدى. ئەمما ھازىر سىز خىزمەت ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆزلەشكىلى بارغىنىڭىزدا، سىزنىڭ يۈزىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن سىزنى رەت قىلىدىغان بولدى" دېگەن سۆزىگە يەر بېرىدۇ ۋە ئۇيغۇر رايونىدا خىتايچە بىلمەيدىغان ۋە تالانتلىق بولمىغانلارلا ئەمەس، بەلكى خىتايچىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان ۋە ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياخشى خىزمەت تېپىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان يەنە بىر ئاۋارىچىلىقنىڭ ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ : "خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ چەتكە خىزمەت، ئوقۇش ۋە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلماقتا" دەپ بايان قىلغان.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تور بەتلەرگە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ شەخسى تېلېفونلىرى، ئېلخەتلىرىنىمۇ نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندا 3 نەپەر تور بەت ساھىبىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر خوتەنلىك ئۇيغۇر ياشنىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ياش ئاپتورغا ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان تور سەھىپىلىرىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى بىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: "بەزىدە مەن خۇددى ئۆزەمنى غايەت زور بىر تۈرمىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن" دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت