نوبېل ۋە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات ساھىبلىرى ئوسلودا جەم بولدى

نوبېل تىنچلىق كومىتېتى بىلەن رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئارقىسىدا نوبېل ۋە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ساھىبلىرى ئوسلو شەھىرىگە جەم بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2013.01.15
Rabiye-uch-mukapat-sahibliri-305.jpg رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىم نوبېل ۋە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن. 2013-يىلى 14-يانۋار، نورۋېگىيە.
RFA/Aygül Yüsüp

نوبېل تىنچلىق كومىتېتى بىلەن رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئارقىسىدا نوبېل ۋە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق شېرىن ئابادى، رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەزەربەيجانلىق مالاھا ۋاسىبوۋا ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ شىمال-جەنۇب مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنىسلىق سوئۇھير بەلھاسسەن قاتارلىقلار 14-يانۋار كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىگە جەم بولدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشلىق ئالىي مۇكاپات ساھىبلىرى يىغىندا. 2013-يىلى 14-يانۋار، نورۋېگىيە.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشلىق ئالىي مۇكاپات ساھىبلىرى يىغىندا. 2013-يىلى 14-يانۋار، نورۋېگىيە.
RFA/Aygül Yüsüp

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئەركىنلىكى، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى، ساغلاملىق مەسىلىسى، مائارىپ ۋە تەربىيىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە كېيىنكى قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئالىي مۇكاپات ساھىبلىرى بولغان بۇ تۆت خانىمنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى، دوكلاتلىرى يىغىن جەريانىدا مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلغان.

رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىزغا، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى، قىزلىرى ۋە بالىلار ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە نېمىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە نوبېل كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە نورۋېگىيىدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشتى.

15-يانۋار كۈنى چۈشتە، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆمەر قانات ئەپەندى نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.