نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا ئىپتارلىق داستىخان سالدى

12 ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلىنىدىغان مۇبارەك رامزان ئېيىدا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلا روزا تۇتۇش، ئوپچە ئىپتارلاش، سەدىقە-پىتىر بېرىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن يەنى 4-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى كەچتە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە قۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى بىرلىكتە نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مول ئىپتارلىق داستىخان ھازىرلاپ جامائەتكە ئىپتارلىق بەردى. ئىپتارلىق پائالىيىتىدە ئەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم زاللار ھازىرلىنىپ قىرائەتلەر قىلىندى، دىنىي سۆھبەتلەر جەريانىدا ۋەتەن-مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ رامزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكتىن ئاشقان دىنىي بېسىمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلدى شۇنداقلا شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى.

ئاتاۋۇللا قارىم ئىپتار پائالىيىتى جەريانىدا جامائەتنىڭ قانداق پەرز ۋە قەرزلەرنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەبلىغ قىلىپ ئۆتتى.

تۇرغۇنجان قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە توختالدى.

پايتەخت ئوسلو ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن يۈزگە يېقىن كىشى بۇ قېتىمقى ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى.