نورۋېگىيىدە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوسلو شەھىرىدە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012.09.17
Uyghur-putbol-norwegiye-305.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوسلو شەھىرىدە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 15-سېنتەبىر.
RFA/Aygul

پۇتبول مۇسابىقىسى نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسى بىلەن نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك، تاتارلاردىن تەشكىللەنگەن تۈرك -تاتار بىرلەشمە كوماندىسى، ئۆزبېك كوماندىسى ۋە يەرلىك نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ كوماندىسىدىن ئىبارەت 4 كوماندا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە ھەر بىر كوماندا نۆۋەت بىلەن باشقا ئۈچ كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىشتەك ئايلانما مۇسابىقە ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە چۈش سائەت 12 دە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. تۇنجى مەيداندا نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار كوماندىسى بىلەن نورۋېگىيىلىكلەرنىڭ كوماندىسى ۋە تۈرك-تاتار كوماندىسى بىلەن ئۆزبېك كوماندىسى ئوينىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ياشلار كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن نورۋېگ كوماندىسىنى يەڭدى. كېيىنكى مۇسابىقىلەردە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار كوماندىسى ئايرىم -ئايرىم ھالدا تۈرك-تاتار كوماندىسى ۋە ئۆزبېك كوماندىلىرى بىلەن ئوينىدى. نەتىجىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار كوماندىسى باشقا ئىككى كوماندىنى يېڭىپ بىر كوماندا بىلەن تەڭلىشىپ ئومۇمى نومۇردا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك قازىنىپ بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قازاندى. مۇسابىقە چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە غەلىبىلىك تاماملاندى. مۇسابىقە ئۆزىنىڭ كۈتكەن مەقسىتىگە يارىشا، باشتىن ئاخىرى دوستلۇق، ئىناقلىق كەيپىياتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقە پائالىيىتى ھەققىدىكى تەسىراتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مۇسابىقە تاماشىبىنلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئوسلو ئەتراپىدىكى سكىئەن شەھىرىدىن كەلگەن ئەركىن ئەپەندى چەتئەللەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول كوماندىلىرىنى تەشكىللەش ۋە مۇشۇ خىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. پۇتبولچى ياشلاردىن مىرشات ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.