ئوسلودىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكا

10 - نويابىر كۇنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۇيغۇر ۋە نورۋېگ يېزىقىدا تەييارلانغان «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دېگەن كۆركەم ۋىۋىسكا مەسچىتنىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىلدى. بۇ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2012.11.16
norwigiye-uyghur-islam-merkizi-305.png نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى
RFA/Aygul


ئوسلودا ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تېلېفون، ئېلخەت ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈنۈشىنى ئىزھار قىلىشتى ۋە ھەممەيلەن بۇ خەيرلىك ئىشنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭدەك ياۋروپا ئەللىرىدە كام ئۇچرايدىغان، مەسچىت قۇرۇش ئۈچۇن دۆلەت ئۆزى ئىقتىساد بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بۇ ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا قىزىقىشلىرىنى بىلدۈرۈپ،مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىش پىلانلىرى ھەقىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى.

 ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش

بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ۋە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىدارە ئورگىنى بولغان «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

سەمەت ئابلا ئەپەندى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسچىتنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئاخىرىدا نورۋېگىيىدىكى ئىككى ئۇيۇشما ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

زىيالىي ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قاراتقان دىنىي سىياسىتىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۇن كۆپ تەشەككۇر بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا بارىكاللا ئېيتتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.