نۇر بەكرى ھەققىدە جەمئىيەتتە «نۆل بەكرى» دېگەن يېڭى لەقەم تارقالغان

خىتاي دۆلىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا ئۇيغۇرلاردىن رەئىس تەيىنلەشتە، پەقەت ئۆز مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان كىشىلەرنى تەيىنلىمەكتە.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.10
nur-bekri-wang-lechwan-pichillashmaqta.jpg نۇر بەكرى بىلەن ۋاڭ لەچۋان پىچىرلاشماقتا. 2009-يىلى 6-مارت، بېيجىڭ.
EyePress

خىتاي يەنە بۇ رەئىسلەرنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى، دەپ تەشۋىق ۋە تەرغىبات قىلماقتا. سىياسىي ۋە ئاخبارات سورۇنلىرىدا ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىدىكى پاراڭ ۋە سۆھبەتلىرىدە ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەيىنلەنگەن رەئىسلەرگە قارىتا نارازىلىق ۋە غەزەپ-نەپرەتلىرىنى بىلدۈرمەكتە؛ لەقەم قويۇش-مانا بۇ ۋاسىتىلەردىن بىرى.

ئۇيغۇر رايونىدا ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە، نۇر بەكرىگە، ئۇنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ۋاڭ بەكرى دەپ لەقەم قويۇلغان؛ بۇ لەقەم ئۇيغۇر جامائەت سورۇنلىرىدا تارقىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى ماقالە ۋە ئىنكاسلاردىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونى جاڭ چۈنشيەن دەۋرىگە كەلگەندە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا بىر قاتار ئاتالمىش ئىقتىسادى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن ھېچقانداق بەھرىمەن بولالمىغان، نۇر بەكرىنىڭ ھوقۇقى بۇ مەزگىلدىمۇ كارغا كەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇر بەكرى ھەققىدە «نۆل بەكرى» دېگەن يېڭى لەقەم تارقالغان.

ئۈرۈمچىدىكى بىر دەردمەن ئايال بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن پارچە:
سوئال: بۇ دەردلىرىڭىزنى نۇر بەكرىگە ئېيتىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ياق ئېيتمىدىم، ئۇنىڭ قولىدىن پوق كەلمەيدۇ.
سوئال: ھەر ۋاقىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ بەزى چاغلاردا ئىشلەپ قېلىشى مۇمكىنتى ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ياق، چورتلا كەلمەيدىكەن، «ئۇنىڭ دەردى بىزدىن جىق، ھېچكىمگە گېپى ئۆتمەيدۇ» دېيىشىدۇ خەقلەر.
سوئال: شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: شۇ، شۇ، ھازىر ئۇنى ھەممە ئادەم «نۆل بەكرى» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى ھەققىدىكى بۇ يېڭى لەقەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقالغان. مانا بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ نامى «نۇر بەكرىنىڭ يېڭى لەقىمى ھەققىدە». بىز بۈگۈن ماقالىنىڭ مەزمۇنى ۋە يېزىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئاپتور ئىلشات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرۈپ، دوست-دۈشمىنىنى ئايرىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، گەرچە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابلەت ئابدۇرېشىتقا «ئوماق»، تۆمۈر داۋامەتكە «تاۋاق»، خەلچەم ئىسلامغا «يالاق» ئەركىن ئىمىرباقىغا «ئەركىن خېمىرباقى»، ئىسمائىل تىلىۋالدىغا «ئىسمائىل تالىۋالدى»، مەمتىمىن زاكىرغا «مەمتىمىن مۇزاكىر» دېگەندەك لەقەملەرنى قويۇش ئارقىلىق، تارىخ ۋە رېئاللىققا توغرا باھا بېرىپ ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.