نۇر بەكرىدىن ئىلھام توختىغا ۋاستىلىق جاۋاپ (1)

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغان، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ھەتتا، ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسۇلىيىتىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ نۇر بەكرىنىڭ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشىدۇر. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلغان. نۇر بەكرىنىڭ بۇ ئېتىراپى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغاندىن 2 ھەپتە كېيىنگە توغرا كەلدى.

نۇر بەكرى سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تۈگۈتۈشنىڭ بىردىن - بىر يولى، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يىلى بولسا، شىنجاڭغا ئىچكىرىدىن مەبلەغ يۆتكەش، يەنى شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ - كۆلەمدە ئېچىش. ئەمما مۇئەتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، "شىنجاڭ تەرەققىي قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ؛ ئەمما يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ھاياتى تەرەققىي قىلمايۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر رايوندىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەمما نۇر بەكرى مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتمىگەن؛ ھەتتا ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى دەپ ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى دەپ ئاتىغان.

ئىلھام توختى رادىئومىزدا قىلغان سۆزىدە، نۇر بەكرىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلالمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر رايونىنى ئېچىۋاتقان كارخانىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. نۇر بەكرى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختالغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئەينى چاغدا شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندى، ئىلھام توختى ۋە نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، نۇر بەكرى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش قىيىنچىلىقى مەسىلىسىدە، ياشلارنىڭ ئۆزىدىكى ۋە مەكتەپلەردىكى سەۋەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ھۆكۈمەت ۋە سىياسەتتىكى سەۋەنلىكلەر ئۈستىدە توختالمىغان.

ئەتىكى پروگرامىمىزدا، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.