بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ب ب س تور بېتىدە بۈگۈن، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدىكى جەمئىيەت ئىنكاسلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شېنجېن شەھىرىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا ' بۇ قېتىم يەنىلا پارتىيە قول پولاڭلىتىۋاتىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى قول كۆتۈرۈۋاتىدۇ، سىياسىي كېڭەش چاۋاك چېلىۋاتىدۇ، خالاس' دەپ قەيت قىلىنغان.
نامسىز يېزىلغان يەنە ئوبزوردا 'ئىككى چوڭ يىغىندا بولۇۋاتقان گەپلەر نىڭ ھەممىسى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، بۇنى ۋەكىل دېگەن كىشىلەر ھەممىسى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇنى بىزمۇ ئوبدان بىلىمىز، بۇ ۋاڭ -چۇڭنىڭ ئۆزىلا بىر ئويۇن، بۇ ئويۇننى كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يوق' دەپ بايان قىلىنغان.
شاڭخەيدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا 'بۇ ۋەكىللەرنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا كۆپ سانلىق بولۇۋاتقان ئىشسىزلار ۋەكىلى يوق'، 'بۇ يىغىندىكى ھازىرقى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنى پەقەت بىپەرۋالىق، ئەخمەقلىق، دۆتلۈك، سىقىنجى ۋە چىل بۆرىنىڭ خىيالىدىن ئىبارەت' دەپ كۆرسىتىلگەن.
ۋاڭ لېچۈەن 'شىنجاڭ ۋەكىللىرى'نى يوقلاپ كەلگەن
'تېڭشۈن خەۋەرلىرى' دېگەن تور گېزىتى بۈگۈن، بۇ ئىككى چوڭ يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتناشقان 'شىنجاڭ ۋەكىللىرى' دەپ ئاتالغان كىشىلەرنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ تور گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ شىنخوڭ ماقالىسىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ 'شىنجاڭ ۋەكىللىرى' دەپ ئاتالغان كىشىلەرنى يوقلىغىلى 'شىنجاڭ مېھمانخانىسى'غا كەلگەندە، قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە تايىر بىلەن توك شوتىسىدا ئۇچرىشىپ، ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشكەنلىكى، ئىنتايىن يېقىملىق ھال - ئەھۋال سوراشقانلىقى ۋە خىزمەتلەر ھەققىدە تەپسىلى دوكلات ئاڭلىغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلىدى.
نۇر بەكرى 'شىنجاڭ ۋەكىللىرى'گە خۇجىنتاۋنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئاڭلاتقان
'تېڭشۈن'، 'ياشىن' دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تور گېزىتى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان يەنە بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى بۇ ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان 'شىنجاڭ ۋەكىللىرى' دەپ ئاتالغان كىشىلەرگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتناشقان كوممۇنىست پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما بۇ گېزىت نۇر بەكرىنىڭ ئاڭلاتمىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇجىنتاۋ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يوليورۇقى ۋە نۇر بەكرىنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
نۇر بەكرى 2004 - يىلى جاڭ زېمىن، ۋاڭ لېچۇەنلەرنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى قانداق ئاڭلاتقان ئىدى؟
مەلۇم بىر كىشى ئاشكارىلىغان نۇر بەكرىنىڭ 'ئاپتونوم رايونلۇق 3 - قېتىملىق تىل -يېزىق يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى' دېگەن ھۆججەتنىڭ فوتو كوپىسىگە ئاساسلانغاندا، نۇر بەكرى 2004 - يىل 27 - ئىيۇل كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 3 - قېتىملىق تىل -يېزىق يىغىنىدا، سابىق خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ 'تىلنىڭ راۋان بولماسلىقى، بېكىنمىلىك، قالاقلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىمىگە ئۇچرۇتىدىغان ھالقىلىق مەسىلە' دېگەن 'يوليورۇقى'نى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ 'ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە پۇقتا بىلىشى ئىنتايىن تەخىرسىز ۋەزىپە' دېگەن 'مۇھىم يوليورۇقى'نى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىش تەقدىرى كۆرسەتكەن ئىدى.
نۇر بەكرى شۇ قېتىمقى تىل -يېزىق يىغىنىدا جاڭ زېمىن، ۋاڭ لېچۇەنلەرنىڭ 'يوليورۇقىنىڭ روھى'نى ئاڭلاتقاندا، 'نۇ بەكرىنىڭ سۆزى' دەپ ئاتالغان 24 بەتلىك بۇ ھۆججەتتىكى 'تىل -يېزىق قوللۇنۇش ھەربى كىشىگە، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تاقىلىدۇ'، 'ئاپتونوم رايونىمىز تىل -يېزىق كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ'، 'خەنزۇ تىلى دۇنيادا ئەڭ يېڭى كۈچلۈك تىل'، 'خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنسە يېڭى ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنۈپ رېقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ'، 'تىل -يېزىق مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئەمما بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس'، 'تىل -يېزىق ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بۇيىچە، بارلىققا كېلىش، تەرەققى قىلىش، يوقۇلۇش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ'، 'بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ، قوشۇلۇپ كېتىش تارىخنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئايلاندى' دېگەن سۆزلەرنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ يوقىتىلىش نىشانىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، نۇر بەكرى 1989 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سېكرېتارى بولغان. مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، سەندوڭ ئۆلكىسى فېيچېڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋېن شەھەر باشلىقى، قەشقەر ۋېلايىتىنىڭ مۇئاۋېن ۋالىيسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋېن شەھەر باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن باش كاتىبى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋېن سېكرېتارى بولغان. 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاكالەت رەئىسى ۋە رەئىسى بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.