نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلۆكسىز خىتاي يۇرتلىرىغا يۆتكەش تەشۋىقاتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى5" ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى مەيدانغا كەلتۈرگەن تۆپ سەۋەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" باھانىسىدا يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلانى خىتاي ئۆلىكىلىرگە يۆتكەش سىياسىتى" دەپ يەكۈن چىقاردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.07.20
Nur-bekri-Urumchi-Basturush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.cctv.com

 مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 18 ‏ - ئىيۇل كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، "ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتى، جەنۇپتىكى تۇرمۇش سەۋيەسى ئالاھىدە نامرات پۇقرالارنى تېز سۈرئەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە بۇندىن كېيىنكى ھاياتىغا ئاساس يارىتىش " دەپ تەكىتلىگەن.

نۇر بەكرىنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ يەنىلا قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچى ئەڭ چوڭ چۇماقچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن نۇر بەكرى 5 " ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ قالپاقلار بىلەن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەتتا نۇر بەكرىنى " تۇرقى ئۇيغۇر، مىڭىسى خىتاي "، " ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى خىتاينىڭ قېنى " دەپ ئەيىبلىمەكتە. يېقىندا گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە خىتايلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار، دەل خىتاينىڭ " نامرات ئۇيغۇر دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش"، " ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاتۇرۇش " باھانىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت تۈپەيلى خىتاي زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك، " 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلدى.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۆردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياش قىز - چوكانلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مىللى ئۆرپ ‏ - ئادەتكە خىلاپ بولغان، ئېتنىك كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاقىۋەتتە ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا، ھەتتا بىر دېھقاننىڭ قىزىنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى يېشى 60 تىن ئاشقان بىر بوۋايغا ياتلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، يەنە بىر دېھقاننىڭ ئوخشاش نارازىلىق تۈپەيلى ھۆكۈمەت خادىمىنى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرۇپ قولغا ئېلىنغانلىقىغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئەمما نۇر بەكرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىش پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىىدىكى زىددىيەت ئەڭ يوقىرى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتتىمۇ، مەزكۈر سىياسەتنى قايتا - قايتا تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا.

18 ‏ - ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان نۇر بەكرى" شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تولۇق ھۆرمەتكە ئېرىشمەكتە، ئىچكىرىدىكى كارخانىلار ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇسۇلمانچە ئاشخانا تەسىس قىلىپ، تاماق تەييارلاشقا مۇسۇلمان ئاشپەز ئورۇنلاشتۇردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدا كارخانا دەپ ئېلىش كۈنلىرىنى بېكىتىپ، ئىشچىلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ بايرام ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا كاپالەت بەردى.

ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسى پىرىنسىپ قىلىندى، ھېچقانداق ئورگان، ئىدارىنىڭ مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق، چوقۇم ئاتا ‏ - ئانىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ " دېگەن بولسىمۇ، لېكىن رادىئومىز مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق 90 % دېھقاننىڭ يېزا، كەنت باشلىقلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يوليورۇقىغا بويسۇنمىسا يەرلىرىنىڭ تارتىۋىلىنىدىغانلىقى، يىل بويى ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنىدىغانلىقى، بارلىق بىساتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

نۇر بەكرى مۇخبىرلارغا يەنە، خىتاي يۇرتلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھەر ئايدا يۇقىرىسى 2000 يۈەن، تۆۋەن بولغاندا 1000 يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن يەنە تاماق ھەققى تۇتىۋىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىرلىرىمىز خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئاز دېگەندە 500 يۈەننى تاماق پۇلىغا تۆلەيدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى.

نۇر بەكرى مۇخبىرلارغا يەنە، 21 ياشلىق ئىشچى ئاسىمگۈل ئائىلىسىنىڭ ئىلگىرى يىللىق كىرىمىنىڭ 8000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 2007 ‏ - يىلى ئاسىمگۈل ئائىلىسىگە 10 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتتى ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسى باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە دەپ ماختىنىپ سۆزلەپ بەرگەن، ئەجابا، نۇر بەكرى ئاسىمگۈلگە ئوخشاش ئىشچىلىققا سېلىنغان باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟ نۇر بەكرى ئاسىمگۈلدىن يەنە قانچىنى ساناپ بېرەلەيدۇ؟ مۇخبىرلىرىمىز خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەپ كېتىلگەن قىز ئىشچىلاردىن 6 سىنىڭ كېچىدە ياتاقلىرىدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، يۇرتىغا قايتىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، چۈنكى توختام بويىچە ئۇلارنىڭ ئىش ۋاقتى توشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر قېيىنچىلىققا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان، بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلارنىڭ پاھىشەخانىلارغا سېتىۋىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىتلىق خەتلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشتۈرمەي، تىلى باشقا، ئورپ ‏ - ئادىتى، دىنى باشقا خىتاي مىللىتى ئارىسىغا تارقىتىۋىتىشتىن كېلىپ چىققان قانلىق ئاقىۋەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك نۇر بەكرىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئېلشات ھەسەنجان ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2004 ‏- يىلىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ، ئىلى ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلى شۇنىڭدەك تېخنىكا جەھەتتە چىنىقتۇرۇپ، شەندۇڭ، گۇئاڭدۇڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا توختام بويىچە ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە شۇ چاغدا 100 مىڭ ئادەمنىڭ خىتايغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 2008 ‏- يىلى بىر يىل ئىچىدە يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر سانى 240 مىڭغا يەتكەن. نۇر بەكرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، مەزكۈر پىلاننى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.