نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېگرامما يوللىدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆز تېلېگراممىسىدا ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىغا، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىغا ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇتۇقلار تىلىگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.07.11
qazaqistan-saylam-Nursultan-Nazarbayev-305.jpg قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزىنى قوللىغۇچىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرمەكتە. 2011-يىلى 4-ئاپرېل.
AFP

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى نامىغا تېلېگرامما يوللىغان بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. مەلۇمكى، مەملىكەتنىڭ مۇستەقىللىق يىللىرىدا ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ھەمدە ئۇنىڭدىكى پرېزىدېنتنىڭ تۆھپىسى شۇنداقلا مەۋجۇت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ يېزىلغان كۆپ ساندىكى خەتلەر پرېزىدېنتنىڭ شەخسىي پوچتىسىغا كېلىپ چۈشمەكتە. شۇلار جۈملىسىدىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋەكىللىرى نامىدىنمۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نامىغا «ئورتاق ئويىمىزدىكى تىنچلىق ھايات مۇستەھكەم بولىدۇ» ماۋزۇسىدا خەت ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى «ئېگېمېن قازاقىستان» ۋە «كازاخستانسكايا پراۋدا» گېزىتلىرىدە ئورۇن ئالغان ئىدى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆز تېلېگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت، ئىلىم ۋە بىلىم، شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە ئۆز-ئارا رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشتىكى تۆھپىسىنى ئاتاپ كېلىپ، ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىغا، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىغا، بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇتۇقلار تىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.