پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن نۇرۇل ئىسلام ئائىلىسىدىن ھال سورىدى

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇپ بېرىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.23
nurul-islam-sherbaz-305.jpg شەربازخان بىلەن ئوغلى نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئاتا-بالىلىق ئىسپاتى.
RFA

22 - دېكابىر كۈنى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى يەنە ئۆتكەن ئايدا خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەن، نۇرۇل ئىسلامنىڭ پاكىستاندىكى ئائىلىسىگە بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۇنىڭ دادىسى شەربازخاندىن ھال سورىدى.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، 17 يېشىدىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى پاكىستان پۇقراسى بولۇپ، نۇرۇل ئىسلام ئۆتكەن ئايدا سىرلىق ھالدا خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن ئىدى.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇقېيىم ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەخپىدىكىلەرنىڭ نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈمىنىڭ 40 كۈنلۈك نەزىرى كۈنىدە، ۋەخپە مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا، نۇرۇل ئىسلامنىڭ پاكىستاندىكى دادىسى شەربازخان ئائىلىسىدىن ھال سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقېيىم ئەپەندى ئۆز بايانىدا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىدىكىلەرنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن نۇرۇل ئىسلامنىڭ پاكىستاندىكى ئائىلىسىگە يازغان تەزىيە خېتىنى، نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخان ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقېيىم ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخان ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا پەرۋا قىلماي، نۇرۇل ئىسلامنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقېيىم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرۇل ئىسلام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى شەربازخان ئەپەندى كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوغلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ لى ۋە ۋاڭ فامىلىلىك خادىملىرى، شەربازخانغا ئۇنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئوغلى نۇرۇل ئىسلامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەسلىك شەرتى بىلەن، نۇرۇل ئىسلامنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۇرۇل ئىسلامنى يەنىلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۆتكەن ئايدا نۇرۇل ئىسلام تۈرمىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرى شەربازخان ئائىلىسىدىكىلەرنى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرمەسلىك ھەققىدە داۋاملىق تەھدىت سالغان.

ئابدۇقېيۇم ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈمى ھەققىدە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىنى يەتكۈزدى.

ئۆمەر ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخان بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدىن خىتاي تۈرمىسىدە بىئەجەل ئۆلگەن نۇرۇل ئىسلامنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن خىتاي تۈرمىسىدە ئۆز ئەجىلىسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.