داليەن ساقچىلىرى ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچىنى تۇتتى

2010-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان قاراقچى، نۇرۇنگۈلنىڭ ئۇنى بايقاپ تەھدىت سېلىشى بىلەن، 24 سائەتتىن كېيىن بالىنى قويۇپ بەرگەن.

0:00 / 0:00

نۇرۇنگۈل ۋەقەنى ئەينى چاغدا ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، قاراقچى ھېچقانداق جازاغا تارتىلمىغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرۇنگۈل، داليەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۈستىدىن بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، داليەن ساقچىلىرى يېقىندا مەزكۇر قاراقچىنى تۇتقان ۋە ئىككى نەپەر ساقچى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرۇنگۈل توختىدىن ئەپۇ سورىغان.

ئىككى يىلدىن بېرى خىتاي قاراقچىنىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ كەلگەن داليەن ساقچىلىرى، نۇرۇنگۈل توختى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى ۋە دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئەرز سۇنغان ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

داليەن ساقچىلىرى مەزكۇر جىنايەت گۇماندارىنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلغان. داليەن ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنىڭ ئالدىدا ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، نۇرۇنگۈلدىن جىنايەت گۇماندارىنى تونۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ساقچىلار نۇرۇنگۈل بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئۇنىڭغا يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش نىيىتىنى ئىپادىلىگەن. نۇرۇنگۈل بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىك ئۈچۈن ياردەم قوبۇل قىلمايدىغان ئەمما تۆلەم ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرۇنگۈل ئوغلىنىڭ خىتاي قاراقچى تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇش ۋەقەسىنى بىر ئىجتىمائىي ۋەقە دەپ ئەمەس، بەلكى مىللىي ئۆچ ئېلىش ۋەقەسى دەپ قارىماقتا.

نۇرۇنگۈلنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ خىتاي قاراقچى بىلەن بۇرۇن ھېچقانداق شەخسىي زىددىيىتى بولغان ئەمەس. ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ تەشۋىق قىلىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى شەكىللەنگەن.

نۇرۇنگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى مانا مۇشۇ مىللىي زىددىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. نۇرۇنگۈل شۇڭا داليەن ساقچىلىرىنىڭ «نېمە تەلىپىڭىز بار؟» دېگەن سوئالىغا، «5-ئىيۇلغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار قانداق جازالانغان بولسا، ئوغلۇمنى ئەپقاچقان جىنايەتچىمۇ شۇنداق جازالىنىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە ئەگەر داليەن سوتى ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىسا، ئۆزىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

داليەن ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر قاراقچىنى تۇتقانلىقى ۋە ئۇچتۇرپانغا كېلىپ نۇرۇنگۈلدىن ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكى نۇرۇنگۈلنىڭ داۋا تارىخىدىكى دەسلەپكى بىر ئۇتۇق، ئەمما بۇ ئۇشتۇمتۇتلا قولغا كەلگەن ئەمەس، بېيجىڭدىن ئىككى قېتىم تۇتۇپ كېتىلىش، شىئەندە پويىزدىن قېچىپ كېتىش، ئۇچتۇرپاندا 39 كۈن قاماقتا يېتىش، ئۇنىڭ ئاشۇ 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ پەقەتلا بىر پارچىسى. نۆۋەتتە نۇرۇنگۇل ئۇچتۇرپاندا 39 كۈن ھەقسىز قاماپ قويۇلغىنى ئۈچۈن ئۇچتۇرپان دائىرىلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقتا.