0:00 / 0:00
ئۇنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىگە يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ ماڭغان ساقچىلار، بۈگۈن ئۇنى ئۇدۇل ناھىيە بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئېلىپ بارغان. نۇرۇنگۇل ساناتورىيىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ قېچىپ چىقىپ، ناھىيە بازىرىغا كەلگەندە، ساقچىلار ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ تۇتۇۋالغان. نۇرۇنگۇل توختى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا ئۆزىنى ئاپتوموبىلدا مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ساقچىلار بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا تىركەشكەن؛ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا 2يۈزدىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ، ۋەقەگە شاھىت بولغان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.