ئوبامانىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

ئوباما ئەرتە ۋەست پوينت ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە ئافغانىستان ستېراتېگىيىسنى جاكارلايدۇ. تەخمىنلىنىشىچە، ئوباما ئافغانىستانغا 30 مىڭدىن 35 مىڭغىچە ئەسكەر كۆپەيتىش دېگەن لايىھىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئاۋغانىىستاندىكى ئۇرۇش ھەققىدە يېڭى ستېراتېگىيە قوللۇنىشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.30
Obama-Tian-enmen-rawiqida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ، 17 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﮔﯘ ﮔﻮﯕﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.whitehouse.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ يىل 8‏ - ئايدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى گېنېرالى ستەنلى مېك كرىستال پرېزىدېنت ئوبامادىن، ئافغانىستانغا يەنە 40 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئوباما 'يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى' ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىۋاتىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قارارىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ يېقىنىقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ پىكرىنى ئاڭلىدى.

ئوباما ئەمدى 12‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى (ئەتە) نيۇيورك شتاتىدىكى ۋەست پوينت ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسنى جاكارلايدۇ.

ئافغانىستاندا سەككىز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما 11‏ - ئاينىڭ 11 ‏ - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، ئافغانسىتاندا ئەسكەر كۆپەيتىش كېرەكمۇ؟ كېرەك بولسا قانداق قىلىپ سەككىز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە ئېلىپ بارغان ئاخىرىقى قېتىملىق مۇزاكىرىسىنى ئاڭلىغان ئىدى. بۇ مۇزاكىرىدە، پرېزىدنتنىڭ تاللىۋېلىشى ئۈچۈن تۆت خىل لايىھە قويۇلغان ئىدى.

ئەسكەرنى قايەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، قاچان چېكىندۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى 10 قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى

11‏ - ئاينىڭ 29‏ - كۈنى ئوباما چاقىرغان كابىنت يىغىنىدا، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى گېببسنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئافغانىستان ئىستراتېگىيسى ھەقىقىدە 10 قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ مۇزاكىرىلەردە ئەسكەرنى قايەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى قاچان چېكىندۈرۈپ چىقىش مەسىلىسىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغان. ھازىر پرېزىدېنت ئوباما ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرمىدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئافغانىستان ئىستراتېگىيسى پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گېببسنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان، يىللاردىن بۇيان بىر نەچچە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۇرۇش توغرىسىدا ئالغان قارارلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى پىششىق بىلدىغان ئەربابلارمۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان ئىستراتىگىيىسى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

2001‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا ئوساما بىنلادىننى ئافغانىستاندا تۇتىدىغان پۇرسەت قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇلغان

ب ب س نىڭ 11 ‏ - ئاينىڭ 29‏ - كۈنى بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەييارلىغان دوكلاتتا، 'جورجى بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى 2001‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا، ئوساما بىنلادىن ۋە باشقا ئەلقائىدە باشلىقلىرى ئافغانىستاننىڭ تورا - بورا تاغلىرىدىكى ئۆڭكۈرگە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغاندا، يەنى پۈتۈنلەي ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسى ئىچىدە تۇرغاندا، ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەر كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.  ئەمما ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ھەقتە قارار ئېلىش كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئوساما بىنلادىن ئافغانسىتاندىن پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىغا قېچىپ كېلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئافغانىستاندا تۇتىدىغان پۇرسەت قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇلغان' دەپ كۆرسىتىلگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئوساما بىنلادىن پاكىستاندا، ئۇنىڭ قانداق يۇشۇرۇنۇپ يۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئېنىق ئەمەس

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، ئوساما بىنلادىن باشقا بىر دۆلەتتە، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان پاكىستاندا، بۇ، باشقا بىر مەسىلە. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ھەتتا ئوساما بىنلادىننىڭ پاكىستان دائىرىسىدە قانداق يۇشۇرۇنۇپ يۈرگەنلىكى ياكى ھەتتا بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئېنىق ئەمەس.

ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىم نوقتا قىلىنىشى كېرەك

ئەمدى ئوباما ‏12‏ - ئاينىڭ 1 - كۈنى (ئەتە) نيۇيورك شتاتىدىكى ۋەست پوينت ھەربىي ئاكادېمىيىسىدە يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسنى جاكارلاش ئالدىدا تۇرغاندا، بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوباماغا يەنە مەسلىھەت بەردى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مىشىگىن شتاتىدىن سايلانغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي كومىتېت رەئىسى كارل لېۋىن بەرگەن تەكلىپىدە، ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىم نوقتا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسكەر ئەۋەتىدىغان جاي، دەل ئەلقائىچىدىلەر ۋە تالىبانلار بازا قۇرۇۋېلىپ ئامېرىكا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان جاي بولۇشى كېرەك

جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىدىن سايلانغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى گرېيخەم تەكلىپىدە 'ئەسكەر ئەۋەتىدىغان ئورۇن يەر شارىدىكى باشقا جاي ئەمەس، دەل سوۋېت ئىتتىپاقى چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، تالىبانلار ئىگىلىۋالغان، ئامېرىكا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن ئەلقائىچىدىلەر ۋە تالىبانلارنىڭ بازىسى بار جاي بولۇشى كېرەك'، 'ئوبامانىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكى دەل مۇشۇ نوقتىدا،' دەپ كۆرسەتتى.

ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تەخمىنلىنىشىچە، ئوباما ئافغانىستانغا 30 مىڭدىن 35 مىڭغىچە ئەسكەر كۆپەيتىش دېگەن لايىھىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ھەققىدە يېڭى ئىستراتېگىيە قوللىنىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەر ئىچىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 9 مىڭ نەپەر قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىدىغان ئەسكىرى بار، ئەلۋەتتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.