ئوبامانىڭ ئافغانىستان زىيارىتى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.03.29
2010.03.29

AFP Photo
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 28 - مارت (يەكشەنبە) كۈنى ئافغانىستاننى تېز سۈرئەت بىلەن زىيارەت قىلىپ 29 - مارت (دۈشەنبە) كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئوباما بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي بىلەن كۆرۈشتى. باغرام ھەربىي بازىسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلدى.
بۇ، ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھەر خىل ئوخشىمىغان تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
'ئەلقائىدىچىلەر ۋە ئېكىستېرمىزمچىلەرنى قالايمىقان قىلىش، ۋەيران قىلىش، پاچاقلاش ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا خاتىمە بېرىش'
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا تۇرغان ۋاقتى 6 سائەتكە يەتمەيدۇ. ئۇ مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن تىك ئۇچار بىلەن كابۇلغا كېلىپ خامىد كارزاي بىلەن كۆرۈشكەن. خامىد كارزاينىڭ دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدىھىيىلىگەن ۋە ئۇنى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا، بولۇپمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.خامىد كارزاي ئافغانىستاننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن باج تۆلەپ ياردەم بېرىۋاتقان ئامېرىكا خەلقىغە تەشەككۈر ئېيتقان ۋە 5 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلغاندا، ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى، بۇ خەلق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدۇ، دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئافغانىستاندا قوزغىلاڭ بولۇۋاتقان رايونلاردا غەلىبە قازىنىپلا قالماي، بەلكى ھەربىيدىن خالى رايونلاردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش غەلىبە قازىنىشقا، بولۇپمۇ ئەل -قائىدىچىلەر ۋە تالىبانلارنىڭ روھى دۇنياسى بولغان قەندىھار ھۇجۇمىغا تەييارلىنىشقا چاقىرغان.
ئوباما سۆزىدە، 'بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئەلقائىدىچىلەر ۋە ئېكىستېرمىچىلەرنى قالايمىقان قىلىش، ۋەيران قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىنى پاچاقلاش ' دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا قىسىملىرىنى تالىبانلارنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىش
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى ئاساسەن ئامېرىكا قىسىملىرىنى تالىبانلارنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.تالىبانلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئەل -جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى زور ئەھمىيەتلىك زىيارەت، ئۇ ئاساسەن تالىبانلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خامىد كارزايغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش
ئاۋسترالىيان گېزىتى، بۈگۈن ئامېرىكا گېزىتى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوباما بۇ قېتىم خامىد كارزايغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى، بۇ ئافغانىستاندا جىددىيلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى كۈچەيتىش
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.'ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدۇ'
FBIS ئۇچۇرلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، تالىبان باياناتچىسى قارى يۈسۈپ ئەخمەد تۈنۈگۈن ئافغانىستان ئىسلام مەتبۇئاتىنىڭ پىشاۋۇردىكى پاشتوچە شۆبىسى ئارقىلىق 'ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زىيارىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.ئوباما بۇ قېتىم ئافغانىستان زىيارىتى ئارقىلىق ئۆزىنى مۇستەھكەملىمەكچى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بۇ قېتىم ئۆزى دۆلەت ئىچىدە ساغلاملىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، خەلقئارا دا رۇسىيە بىلەن يادرو قوراللىرى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئافغانىستانغا كەلدى، ئۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئۆزىنى مۇستەھكەملىمەكچى.ئەمما ھازىر ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي خىتاي بىلەن كۆپ خىل كېلىشىم تۈزۈپ خىتاي - ئافغانىستان ھەمكارلىقىنى باشلىۋەتتى. پاكىستانمۇ، خۇددى پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 28 - مارت كۈنى بايان قىلغاندەك، پاكىستاندا ھازىر پارلامېنت بىلەن ئەدلىيە تارماقلىرى بىر -بىرىنىڭ گېپىگە كىرمەيدۇ، خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى ھەر قايسى مەزھەپلەر، قەبىلىلەر ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىۋېرىدۇ، پاكىستان ھازىر ھۆكۈمەتسىزلىك ھالاكىتىگە قەدەم باستى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.