ئامېرىكا پرىزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدىكى مۇراجىتىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 7 يېرىم يىلدىن بۇيان ئىراقتا ئېلىپ بارغان كۈرىشىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇرۇشتا 4400 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، ئۇرۇش جەريانىدا بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىراق ئۇرۇشىغا باشتىن - ئاخىر قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئوباما، پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشتىن بۇرۇن، ئەگەر پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنسە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. مانا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىن چېكىنىپ چىقتى. ئەمما ئوباما 150 مىڭ قوشۇندىن يەنە 50 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىراقتا قېلىپ قالغانلىقىنى، ئۇرۇش ئاياقلاشقىنى بىلەن زوراۋانلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىدى دەپ ئېيتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەلۋەتتە زوراۋان كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن يانمايدىغانلىقى ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئوباما سۆزىدە، ئۇرۇشتا جېنىنى پىدا قىلغان ھەربىيلەرنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى": ئامېرىكا نۇرغۇن پىداكار جەڭچىلىرىدىن ئايرىلدى، ئۇرۇشقا 1 تىرىليون دوللار سەرپ قىلىندى، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، تاشقى قەرزنىڭ كۆپىيىشىگە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشىگە يول ئاچتى، شۇڭا بۇندىن كېيىنكى ۋەزىپە ئىقتىسادنى ياخشىلاپ، مىليونلىغان ئىشسىزلارنى قايتا ئىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت "
ئىراق ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەنگەن ساۋاق ھەققىدە توختالغان ئوباما، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى يالغۇز ھەربىي كۈچكە تايىنىپ تىكلەش يولىنى تاللىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى، ئافغانىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
ئوباما يەنە، ئىراقنىڭ تىنچ، پاراۋان بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئەلچىخانىسىنىڭ باغداتقا جايلاشقانلىقىنى، يېقىن ئارىدا يەنە ئىراقنىڭ تۆت شەھىرىدە ئايرىم - ئايرىم كونسۇل بۆلۈملىرىنى تەسىس قىلىش پىلانلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەربىل شەھىرىدە ئەرەب - كۇرد مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىغان ئىدارە، باسرا شەھىرىدە ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىگە ھەمكارلىشىدىغان دىپلوماتلار مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتا قالغان 50 مىڭ قوشۇننىڭ دىپلوماتلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، رايونلاردىكى ئارمىيە قىسىملىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىراقتىن 100 مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىگە ئىراقلىقلار قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا ئۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى مانال ئۇمار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشىغا نىسبەتەن ئىشەنچ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن، گەرچە ئوباما ئامېرىكىنىڭ، ئىراقنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئاساسلىق قوشۇننىڭ ئىراقتىن چېكىنگەنلىكى ئىراق خەلقىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.
مانال ئۇمار يەنە، ئىراق خەلقى "ئامېرىكا، تىنچلىق ئورنىتىلمىغىچە ئىراقتىن چىقىپ كەتمەيمىز دېگەن ئىدى، كۆپچىلىك ئىراق خەلقى ئوباما ۋەدىسىدە تۇرالمىدى دەيدۇ" دېدى.
ئىراقلىقلارنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىياسىي مۇلاھىزىچى Ken Pollak مۇنداق دەيدۇ، " ئىراقتا ئامېرىكا بىزنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىزنى ئۆز ھالىمىزغا تاشلاپ قويدى" دەيدىغان ۋە يەنە "ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېتىۋەرسۇن، لېكىن ئىقتىسادىي ياردىمىنى توختاتمىسۇن" دەيدىغان قاراشلار مەۋجۇت. مېنىڭچە ھازىرقى شارائىتتا ئاھالە ئارىسىدا ئەندىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەبىئى ئەھۋال، شەخسەن مەن كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھازىر ئۇ يەردە يا ھۆكۈمەت، يا تىنچلىق يوق."
كېن پوللاك، ئىراق سىياسىي سەھنىسىدىكى ئىككى مۇھىم ئەرباب نۇرى ئەل مالىكي بىلەن ئاياد ئاللاۋىينىڭ بىرگە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش نىيىتىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىراق خەلقى ئۈچۈن ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مانال ئۇمار خانىم، ئامېرىكا ئىراق خەلقىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ھەسسە قوشسۇن، شۇنچە يىللار ئۆتتى، مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلىندى، نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە سۇ يوق، ئېلېكتىر يوق، بۇ سوئاللارغا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تەرەپمۇ ھەم جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر ئاھالىنىڭ ئەڭ ئاددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك" دېدى.
ئىراقتا ئۇرۇش ئاياغلاشتى، قالغان 50 مىڭ ئەسكەر 2011 - يىلى چېكىنىپ چىقماقچى، ئەمما ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىدە يەنە قانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سوئال بولۇپ قالماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
