ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىسلاھاتىغا بىر نەزەر

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنت بولۇشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىشلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. ئوباما پرېزىدېنت بولۇپ ئاق سارايغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆز ۋەدىسى توغرىلىق ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما باراك ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىسلاھاتى ھازىر ئامېرىكىدا قىزغىن بەس - مۇنازىرە ياراتماقتا. بۇ ھەقتە نۇرغۇن تالاش - تارتىشلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە. 13- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئادەم پايتەخت ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ بۇنىڭغا شىددەت بىلەن قارشى چىقتى.

نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا كۆتۈرۈۋالغان شۇئار تاختىلىرىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا "تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك! تېخىمۇ ئاز دۆلەت كونتىروللۇقى تەلەپ قىلىمىز! مەن پۇل باسىدىغان ماشىنا ئەمەس! باج تۆۋەنلىتىلسۇن! ئوبامانىڭ بۇ ئىسلاھاتى ماركىسىست ۋە سوتسيالىستچە بىر ھەرىكەت!" دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى زادى قانداق بىر ئىسلاھات؟ ئوباما نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى، بۇنى كىملەر قوللىمايدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشتىن ئاۋۋال بىز ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت سالامەتلىك سۇغۇرتا سېستىمىسى بىلەن قىسقىچە بىر تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى بىر ئىش. باشقا سانائەتلەشكەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھەقسىز سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا، ئىشلىگەن ئىدارىسىنىڭ تەمىنلىشى ياكى ئۆزى شەخسى پۇل تۆلەپ ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ. ئوخشىمىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلىگەن خىزمەتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان مىقداردا پۇل تۆلەيدۇ.

گەرچە ئامېرىكىدا دۆلەت ھەقسىز سۇغۇرتىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە بەزى ئوخشىمىغان پاراۋانلىق خىزمەتلىرىمۇ بار. مەسىلەن ئامېرىكىدا 65 ياشنىڭ ئۈستىدىكىلەر دۆلەت تەرىپىدىن ھەقىسز داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

كىرىمى تۆۋەن ئائىلىلەر، بالىلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە مېيىپلەرمۇ ھەقسىز داۋالىنىش خىزمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كېسەل بالىلار ۋە ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ئۈچۈنمۇ بۇنداق بىر مۇلازىمەت مەۋجۇت. ئۇنداقتا، ئوباما نېمىشقا سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماقچى؟ شۇنداقلا ئوباما قانداق بىر سۇغۇرتا سېستىمىسى بەرپا قىلماقچى؟

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىببي پەنلەر دوكتورى مەمتىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.