ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىنكاسلار

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۈگۈن 19 - نويابىر كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان 4 دۆلەت زىيارىتىدىكى، ئاخىرقى بېكەت جەنۇبىي كورېيىگە بولغان زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-11-19
Share
Obama-Asiyadiki-4-dolette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 4 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
AFP Photo

ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.
 
ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە نىسبەتەن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن خەۋەر بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 19 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىلىپ، ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي سەپىرىدە گەرچە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلارغا بولغان ئۆلچىمى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئوخشاش بەزى نېگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھاۋا رايى كىلىماتى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىبسمۇ 18 - نويابىر كۈنى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى مايكىل فرومان ئوبامانىڭ زىيارىتىگە باھا بېرىپ، "پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ۋە ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئائىت 7 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىدا" دەپ كۆرسەتكەن.
 
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سەپىرى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقانلىقىنى تەكىتلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ھەل بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.
 
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىن، "فرانكفورت گېزىتى" ئوبزورچىسى، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ، "ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى كىشىگە ئەپسۇسلىنارلىق بىر بوشلۇق قالدۇردى، ئامېرىكا -خىتاي ئىككى تەرەپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا بىرلىككە كەلدى، قارار چىقارمايدىغان مەسىلىلەردە قارار چىقاردى" دەپ كۆرسەتتى.

"جەنۇبىي گېرمانىيە رايى گېزىتى" ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى مۇھىم نۇقتا قىممەت قارىشىدا ئىپادىلەنمەكتە. ئوباما خىتايدا ھوقۇقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر دەرسكە ئىگە بولدى. بۇ قېتىم ئوباما ئەپەندى خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتتە سۆھبەت ئېلىپ بارالمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنىمۇ چەكلەپ قويدى."

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە باھا بېرىپ، " ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى، ئوبامانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، ئامېرىكا نۆۋەتتىكى خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە بازىرى مەسىلىسى، يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىنى چەكلەش قاتارلىقلاردا خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشىغا موھتاج " دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ گەرچە "بۇ 30 يىل جەريانىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدەك بىر چوڭ دۆلەت بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، يەر شارى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قارار چىقىرىشىغا تېخى بالدۇر " دەپ كۆرسەتتى.

"ۋالل سترېت ژۇرنىلى" ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە،كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تولۇق ئېتىبار بەرمىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ئوبامانىڭ خىتايدىكى ئاددىي پۇقرالار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىش مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

"ۋالل سترېت ژۇرنىلى" يەنە، ئوبامانىڭ شاڭخەيدە سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشتا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ "خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ، نۇتۇق قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئوبامانىڭ، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىناۋىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى، خىتاي خەلقىنىڭ ئوباماغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ خىتايغا پەرەزدىن ھالقىغان ھالدىكى سىياسىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك " دەپ كۆرسەتتى.
 
پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت