ئوباما پرېزىدېنتلىقىدىكى بىر يىل ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 44 - پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىلى بىر يىل بولدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت بولۇشى ۋە ئامېرىكا سىياسىتىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى تۈپەيلى ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى قاتتىق جەلپ قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.29
Obama-tunji-yilliq-doklatta-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، 27 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﺘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى ئاخشام ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولغانلىقىغا بىر يىل تولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن پارلامېنتتا ئامېرىكا خەلقىگە يىللىق دوكلات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ پرېدېنتلىقىدىكى بۇ بىر يىلىنى خۇلاسىلىدى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ بىر يىل جەريانىدا خەلقنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە لايىق ئىش قىلالىدىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە قانداق باھالار بېرىلدى؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنتلىقىنىڭ بىرىنچى يىل خاتىرە كۈنىدە ئامېرىكا خەلقىگە خىتابەن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر يىللىق خىزمىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى. ئۇ چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئاساسلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى يۈكسەلتىش ۋە ئامېرىكىدا نۆۋەتتە 10 پېرسەنت بولغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىمكانى يارىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ سايلامدا بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەدىلىرىدىن بىرى بولغان سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئوباما ئافغانىستان، ئىراق ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىلىرى ھەققىدە ناھايىتى قىسقىلا توختىلىپ ئۆتتى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق بىر قىسىم گېزىتلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يىللىق خۇلاسىسىغا بەرگەن باھاسىدا ئۇنىڭ بىر يىلدىن بۇيان يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىنى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ نۇتۇقى بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقانلىقىنى يازدى.

ئۇلار يەنە ئوبامانىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى توغرا بىر تاللاش دەپ باھا بەردى.

ئەمما بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكىلەر بولسا، ئوبامانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسى ئۈچۈن سۆزىدە يېتەرلىك ئورۇن بەرمىگەنلىكىنى، ئوبامانىڭ تاشقى سىياسەتتە ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئوبامانىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرى، بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.