خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئەڭ قاتتىق چەكلەندى

'خىتاي خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، 6‏ - ئاينىڭ 17 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرىدا 'نىلۇپەر كۆلى' دەپ ئاتالغان، مىنگو دەۋرىدە دۇبەن مەھكىمىسى سېلىنغان، 1950 ‏ - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 'خەلق مەيدانى' دەپ ئاتاپ ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان، 1955 ‏ - يىلى 'جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ئابىدىسى' تىكلەنگەن جايدىن باشلانغان.

0:00 / 0:00

مەشئەلگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەن ئۆزى ئوت ياققان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن سىرت ھېچكىمنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەگەر پاش بولۇپ قالسا 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقان' دېگەن جىنايى نام بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن كىشىلەردىن باشقا، كوچىلارغا چىقىپ ئالقىشلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلاردىن ئىبارەت.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى نېفىت بايلىقى مول ۋە سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولغان بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەردىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغاندا، بۇ شەھەردە مەشئەل ئۆتىدىغان يوللاردىكى سودا دۇكانلىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن. ھەممە دوقمۇشنى خىتاي ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر قامال قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شەھەردە مەشئەلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن خىزمەتچىلەردىن باشقا، ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ يۇرتتا ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋەتىنىنىڭ 'شەرقىي تۈركىستان' دېگەن نامىنى تىلغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنماي كەلگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردە تۇرىدىغان چېن گۇاڭشېڭ ئىسىملىك بىر خىتاي مۇخبىرغا ' ساقچىلار كېچىلىرى خالىغان ئۆيگە كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ' دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئولىمپىك مەشئىلى ئۈچۈن ئۇسۇل ئوينىتىپ، خىتايغا مەدەت بېرىدىغان شۇئارلارنى توۋلىتىشنىڭ ئۆزى، ئەركىنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قەشقەر خەلقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ ھاقارەت.